باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «داۋالىنىش ئاساسىي» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ،2 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ داۋالىنىش كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پىلانلىدى

2015.03.18 14:08         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «داۋالىنىش ئاساسىي» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك كۈتۈنۈش ئوبىيكتىلىرىدىن بولۇپ 2 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ داۋالىنىش كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پىلانلىدى. «داۋالىنىش ئاساسىي» قۇرۇلۇشىدا، شەھەر- يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا پەرقلىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك كۈتۈنۈش ئوبىيكىتلىرىنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا تولۇق سوممىدا تولۇقلىما بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە يەنىلا قىيىنچىلىقى بولغان قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئوبىيكتىلىرىغا قارىتا، 2- قېتىملىق داۋالىنىش قۇتقۇزۇشى بېرىلىدۇ. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- يېزىلاردىكى داۋالىنىش جەھەتتە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئوبىيكتىلىرىنىڭ سىياسەت دائىرىسى ئىچىدىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان داۋالىنىش ھەققىدە، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش نىسبىتى %60تىن كۆپرەككە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر