باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا «داۋالىنىشتا ھەممىباپ كارتا ئىشلىتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2015.03.18 14:10         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا «داۋالىنىشتا ھەممىباپ كارتا ئىشلىتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا «داۋالىنىشتا ھەممىباپ كارتا ئىشلىتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئېلىپ بارسىلا، نۇقتىلىق بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا نۇمۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ھىسابات قىلىش، سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىق بارلىق ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، بۇ يىل بۇ تۈردىكى خىزمەت ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: «بۇنداق قىلغاندا، ھەم دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ ھەم سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ شەخسىي ھىساباتىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر قانچە كارتىسى بار بولۇپ، ھەر بىر كارتىدا 10، 20 يۈەندىن پۇل قېپقالىدىغان ئەھۋال بار. دوختۇرخانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق پۇللار كۆپ يىغىلىپ كەتسە، باشقۇرۇش قىيىن بولىدۇ. بۇ خىل شەكىلنى قوللانغاندا، ھىساباتتىكى قالدۇق سومما ئازىيىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش تەننەرقىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئىلگىرىكى داۋالىنىش كارتىسىنى ئىشلەتكەندە، نەق پۇل ئېلىش شەكلى قوللىنىلىپ، شەخسىي ھىساباتتىكى پۇل ئىشلىتىلمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرەتتى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، شەخسىي ھىساباتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.»

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شىنجاڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن كېلىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىشقا تەييارلانماقتا. باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىمۇ پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ. لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاستتا 2، 3 دوختۇرخانىنى سىناق نۇقتىسى قىلىش ھەمدە بۇ يىل ئىچىدە چوقۇم تاماملاشنى تەلەپ قىلدۇق. ئىشلىتىش جەھەتتە، بىز «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان» ئىشنى قىلمايمىز. بىر- بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر