باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ پۇتبول ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» دە يېقىنقى، ئوتتۇرا ۋە يىراق مەزگىللىك نىشان بېكىتىلدى

2015.03.18 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا «جۇڭگونىڭ پۇتبول ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» سىرتقا رەسمىي ئېلان قىلىندى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەي جىنخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھات لايىھەسىدە جۇڭگونىڭ پۇتبول ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى لايىھە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈچ چوڭ نىشانى، 52 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى، پۇتبولچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەڭشەپ، ئىسلاھ قىلىنىدۇ، كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرىنى قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قېلىپى ئىسلاھ قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، پۇتبول تەنھەرىكىتى سىستېمىسى ۋە كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە تۈزۈلمىسى ياخشىلىنىدۇ، مەكتەپ پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، جەمئىيەتتە پۇتبولنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، پۇتبول كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ياخشىلىنىدۇ، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، پۇتبول مەيدانلىرىنى قۇرۇشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، سېلىنما مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، پۇتبول خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك كۈچەيتىلىدۇ.

  لايىھەدىكى يېقىنقى مەزگىللىك نىشان: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى ۋىۋىسكا ئۆزگەرتىلىپ، بىرلا ئورۇن باشقۇرۇشتەك تەشكىلىي رامكا ئورنىتىلىدۇ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئايرىلىپ، ئىچكى مېخانىزم تەسىس قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىدۇ.

  ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشان: ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى پۇتبول بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار زور دەرىجىدە كۆپەيتىلىدۇ، بىرلەشمە مۇسابىقە تەشكىللەش ۋە مۇسابىقە سەۋىيەسى ئاسىيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئاسىيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاياللار پۇتبول كوماندىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. نوپۇزلۇق تاراتقۇ ئەربابى يەن چياڭنىڭ قارىشىچە، مەكتەپ پۇتبولىدىكى مەبلەغ قاتارلىق ئامىللار جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. «لايىھە» گە ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ شارائىت يارىتىپ، بىر تۈركۈم ياخشى كۇلۇبلارنى پۇتبولچىلىق ئاساسى ياخشى، پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا ۋەكىللىك ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك شەھەرلەردە تۇرۇشقا يېتەكلىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، پۇتبول كۇلۇبلىرى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ شەھەرلەر ئارىسىدا يۆتكىلىپ يۈرۈش، مۇقىم تايانچىسى كەمچىل بولۇش ھادىسىسىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  لايىھەدىكى يىراق مەزگىللىك نىشان: جۇڭگو دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر