باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋرۇپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.03.18 14:08         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، جۇڭگو-- ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ قېرىنداش كۆرگەزمىسى بولغان 2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋرۇپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون جۇڭگو-- ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ماس ھالدا تەڭشىگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈ خۈەن تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن باشلاپ «بىر كۆرگەزمە، بىر يەرمەنكە» ئەندىزىسىگە ئاساسەن، قوش يىلدا جۇڭگو-- ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش؛ تاق يىلدا سودا خاراكتىرىنى ئالغان كەسپىي يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. بۇ يىل يەنى 2015- يىلى تاق يىل بولۇپ، 2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋرۇپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزىمىز. بۇ-- جۇڭگو-- ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆرگەزمە ئىگىلىكىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى كەسپ سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جۇڭگو-- ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى ۋېنجيې ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋرۇپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى بۇ يىل 8- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەرمەنكىدە، «يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا- ياۋرۇپا كەسپىي ھەمتۈرتكە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنىپ، «ئاز بولۇش، ساز بولۇش، كەسپلەشكەن بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 4 تۈرلۈك باش تېما تەسىس قىلىنىدۇ. بىرىنچى باش تېما شۇكى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا، بىر مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ بۇ تۈردىكى مۇھىم ئىستىراتېگىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلىمۇ بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بۇ-- بىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىمىز بولىدۇ. ئىككىنچى باش تېما-- جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يىمەكلىك بولۇپمۇ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكتىن ئىبارەت بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىۋە- چىۋە ۋە ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ھەر يىلى ئاشماقتا. بۇلتۇرقى مەھسۇلات مىقدارى 15 مىليون توننا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ئىستىمال قىلىنغىنى ئاران 3 مىليون توننا بولدى. شۇ سەۋەپتىن، ئىچكىرىي ئۆلكىلەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى باش تېما-- قاشتېشى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. تۆتىنچى باش تېما-- چېگرا سىرتىدىكى سەر خىل بويۇملاردىن ئىبارەت.

  بۇنىڭدىن باشقا، 2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋرۇپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىدە يەنە يۇقىرى قاتلاملىقلار مۈنبىرى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك مۇنبىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۈنبىرى قاتارلىق ئالاقىدار كەسپىي مۈنبەرلەر تەشكىللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈر تۇنۇشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر