باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش-- ئۇلارنىڭ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ئاساسلىق تاللىشى ھىساپلىنىدىكەن

2015.03.18 14:12         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تىبابىتى ۋە مىللىي تىبابەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلاتى»نىڭ سىناق لايىھىسىدە، ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش تەرتىپى ۋە ئۇۋۇلاپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمالارنى تىزىمغا ئېلىش چارىسى ئېنىق بېكىتىلگەندىن باشقا، جايلاردىكى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ شەرتكە توغرا كېلىدىغان ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى شەھەر- بازارلاردىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى نۇقتىلىق بېكىتىلگەن ئورۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈشى بەلگىلەندى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمالارنىڭ سانى 135 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش-- ئۇلارنىڭ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ئاساسلىق تاللىشى ھىساپلىنىدىكەن. بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش مەركىزىنىڭ سانى 124كە يەتكەن. ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش تۈرى-- ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئۇۋۇلاش بىلەن داۋالاش مەقسىدىدە ئۇۋۇلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھازىر، ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئۇۋۇلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 3 مىڭغا يېتىدىكەن. داۋالاش مەقسىدىدە ئۇۋۇلاش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغانلاردىن 227 كىشى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر