باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىتانىياخۇ: ناۋادا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەپ قالسام پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويمايمەن

2015.03.18 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تۈنۈگۈن: ناۋادا داۋاملىق زۇڭلى بولالىسام، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويمايمەن دېدى.

  نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ھازىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ھەققىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇش ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە چېكىنگەن زېمىنلارنى كونترول قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولۇشى ھەمدە ئۇلار بۇ زېمىنلاردىن پايدىلىنىپ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن.

  تۈنۈگۈن ئەتىگەندە نىتانىياخۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەپ قالسام ئېروسالىمدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىمەن. ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار مەھەللىسى مەسىلىسىدە غايەت زور خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كەلدى، لىكود گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتلا بۇنداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر