باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى: دىياۋيۈ ئارىلنىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بەزىلەر تېپىپ چىققان بىر ئىككى پارچە خەرىتە بىلەنلا ئاغدۇرۋەتكىلى بولمايدۇ

2015.03.18 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 17- مارت، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  يىغىندا، بىر مۇخبىر سۇئال سوراپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار تورى 16- مارت جۇڭگو 1969- يىلى تارقاتقان بىر پارچە خەرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ خەرىتىدە « جىيەنگې تاقىم ئاراللىرى» دېگەن بەلگە بار ئىكەن، بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو تەرەپ قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى

  خوڭ لېي مەن سىز دىگەن ئۇ خەرىتىنى كۆرۈپ باقمىدىم، بىراق مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي، دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللار جۇڭگونىڭ زىمىنى، بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت، تولۇق تارىخى ۋە قانۇنى پاكىتى بار، بۇ تارىخى ھەقىقەتنى بەزىلەر بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ تېپىپ چىققان بىر ئىككى پارچە خەرىتە بىلەنلا ئاغدۇرۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىزگە لازىم بولسا، مەن سىزگە يۈز پارچە، ھەتتا مىڭ پارچە دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن خەرىتىنى تېپىپ بېرىمەن، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر