باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننىڭ بۇ يىل 10 چوڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە 86 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىندى

2015.03.18 14:11         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بىڭتۈەننىڭ بۇ يىل 10 چوڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە 86 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇلتۇر، بىڭتۈەن 70 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بۇنىڭغا جەمئىي 122 مىليارد 540 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان ھەمدە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسەسەلەر شارائىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەنىدى. بىڭتۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چياۋ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىڭتۈەننىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا زور بولۇپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل مۇئەسسەسەلىرى، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق 10 ساھەگە چېتىلىدۇ. بۇ يىل، 10 چوڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە 86 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇنىڭغا جەمئىي 417 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بىز كاپالەتلىك ئۆي، ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇچىلىق، ئېنىرگىيە مەنبەسى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغ سېلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

  چياۋ يۇڭشىن يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر دەل بارلىق مەۋجۇداتلار قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدىغان مەزگىل. ھەر قايسى شى- مەيدانلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، بىڭتۈەن يەنە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتتىن تېزراق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەت قىلىدۇ. ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 3 تۈردە ئىش باشلىنىپ بولدى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 50 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، 4- ئايدىن باشلاپ، 100 كۈنلۈك مەبلەغ سېلىش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل تۈرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، 10 قېتىمدىن ئارتۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر