باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى نامراتلارنى يۆلەشتىكى ياخشى سۇپىغا ئايلاندى

2015.03.18 11:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئوقۇشىچە، 2014-يىلى ئاپتونوم رايون «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەل رايىنى بىلىشنى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ تەكتىنى بىلىش، پەرق ئېتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى يۆلەش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم سەھنىسى، ئەلنى مايىل قىلىشنى ئاممىغا تەشۋىقى تەربىيە قىلىش، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى دەل ئىلگىرى سۈردى، ھازىر «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلارنى دەل يۆلەش سۇپىسىغا ئايلاندى.

  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە 2 مىليارد 260 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 9198 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملانغان، ئېغىر ۋە ئالاھىدە نامرات 522 مىڭ ئائىلىلىككە ياردەم بېرىلگەن. كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغان «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى ھازىر شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى دەل يۆلەش سۇپىسىغا ئايلاندى، ھازىر شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى ھالەت بارلىققا كەلدى، نامراتلارنى دەل يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرى ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر