باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبى گۈزەل شىنجاڭلىق ئالتايلىق قازاق يىگىت ئارسىن نامازبېك

2015.03.18 14:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7 يىلدا 3مىڭ 157 كارتون ئوبرازىنى ياراتقان ئالتايلىق قازاق يىگىت ئارسىن نامازبېك ئۆزىنىڭ ئىجادىي پىكرى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئەڭ كۆپ كارتون ئوبرازىنى لايىھىلەشتەك دۇنيا رىكورتىنى ياراتتى.

  يېقىندا، بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن ئارسىن نامازبېك دۇنيا رىكورت جەمىئىيىتى ئېتىراپ قىلغان دۇنيا رىكورتى گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. 2007- يىلدىن 2014- يىلغىچە، ئۇ 3 مىڭ 157 كارتون ئوبرازىنى لايىھەلەپ ۋە سىزىپ چىقىپ، دۇنيا رىكورت جەمىئىيىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كارتون ئوبرازىنى لايىھەلەشتەك دۇنيا رىكورتىنى ياراتتى. ئارسىن نامازبېك مۇنداق دېدى: بۇ گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئانچە بەك ھەيرانلىق ھىس قىلمىدىم، چۈنكى مەن ئۆزەمنىڭ مۇشۇ نىشانغا يىتەلەيدىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنىمەن. ئەسلى مەن كارتون ئوبرازىدىن 10 مىڭنى لايىھەلىمەكچى بولغانىدىم، ئەمما 3 مىڭدىن ئارتۇقنى لايىھەلەپ بولغاندا ئۆزەمنى سىناپ باقماقچى بولۇپ بۇنى ئىلتىماس قىلدىم، بۇ بىر تاساددىپىي ئىش بولدى، چۈنكى بۇنىڭغا نۇرغۇن يىل سەرپ قىلدىم، گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، كۆپ يىللىق ئەجرىمنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىقتى، بۇ مىنىڭ ئىجادىيىتىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشى.

  2007- يىلى، كىچىكىدىنلا گۈزەل سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئارسىن نامازبېك ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېيجىڭ تەربىيىلەش ئورگىنىغا كارتون لايىھەلەشنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيىلەشكە بارىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بېيجىڭدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ئۇستازلار ماڭا كەسپىي جەھەتتىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى كەسپىي نەزەرىيە جەھەتتىن مىنى تەربىيەلىدى، قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە مىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىم زور دەرىجىدە ئۆستى.

  شۇنىڭ بىلەن ئارسىن نامازبېك كارتون ئوبرازىنى لايىھەلەشنى باشلىدى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئوبراز روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. ئارسىن نامازبېك مۇشۇ دۇنيا رىكورتى ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ كارتون جەھەتتىكى مول تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن قازاق مىللىتىنىڭ مۇزىكا، ناخشا- ئۇسسۇل، تارىخىي شېئىر، چۆچەك، ئەپسانە ۋە ئەلئارا سەنئىتى قاتارلىق مۇشۇ ئەنئەنىۋى سەنئەتنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنى قازاق مىللىتىنىڭ يېڭى نەرسىسىگە ۋە يېڭى ئېلىمىنتىغا ئايلاندۇرۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

  2014- يىلى 11- ئايدا، ئارسىن نامازبېك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇكىسى بىلەن بىرلىشىپ كارتون ئىشخانىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇكىسى راسىن مۇنداق دېدى: ئاكامنىڭ قالتىس ماھارىتى بار، ئۇ ئۇزۇن يىل جاپادىن قورقماي تىرىشتى. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزەممۇ بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلماقچى بولىۋاتىمەن، مەنمۇ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، مەن ئاستا-ئاستا ئۆزەمنىڭ ئەسەرلىرىمنى بارلىققا كەلتۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر