باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى 115 يۈەنگە كۆتۈرىدۇ

2015.03.18 14:09         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى 115 يۈەنگە كۆتۈرىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەسلىدە يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ھەر ئادەمگە ھەر ئايدا 100 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. يېقىندا، مەركەز ھۆججەت تارقىتىپ، مەركەز مالىيەسىدىن بۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىدىغان بولغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېزا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى داڭ لىشىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم، مەركەز ھۆججەت تارقىتىپ، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى 15 يۈەن ئۆستۈرىدىغان بولدى. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ھەر ئادەمگە ھەر ئايدا 115 يۈەندىن قىلىپ بېكىتىلدى.» شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى-- ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھىسابات قاتارلىق ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش شەخسىي ھىساباتقا پۇل تاپشۇرۇشتا، 100 يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە 14 ئۆلچەم بار بولۇپ، داڭ لىشىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم كۆپەيتىلگەن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ سوممىسىنى ئاپتونوم رايون ۋە جايلار ئۆز ئالدىغا يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. جايلار يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ بولۇشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام بويىچە ھەق تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەت سەۋىيەسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر