باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاھالىلەرنىڭ 2-ئايدىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى

2015.03.18 11:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى 2-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئۆرلىگەن، 2015-يىلى 2-ئايدا 31 ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ 17 سىدە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېىشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن يۇقۇرى بولغان، 27 سىدە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2دىن ئاشمىغان، 31 ئۆلكە،ئاپتونوم رايوننىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى جەھەتتىكى رەت تەرتىۋىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى چىڭخەي، شاڭخەي، شىزاڭ، گۈيجۇ ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەيدە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكچى ئوىشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەسىگە يەتكەن، شاڭخەينىڭ ئوخشاش مەزگلدىكىدىن %2.6 ئېشىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، شىزاڭ ۋە گۈيجۇنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.0 ئېشىپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاران %0.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان.

  2015-يىلى 2-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرلەردە %1.5 ،يېزىلاردا %1.2 ئۆرلىدى، يېمەكلىك باھاسى %2.4 ئۆرلىدى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.1 ئۆرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر