خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيى 120پارچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەدەنىيەت بۇيۇمىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيسى ياسىغان ئۇرۇش قىلىش خەرىتىسى، جۇڭگو ئۇرۇش رايۇنى ياپۇنىيە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىكى بىر قاتار سۆرەتلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى جۇڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان ئامىرىكىلىق لۇ جاۋنىڭ ئىئانە قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ ئالدى كەينى بولۇپ، بۇ يەرگە 7 قېتىم 500 پارچىدىن ئارتۇق ھەقىقى تارىخ ماتىرياللىرىنى ئىئانە قىلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى