باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى

«تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز

2015.03.08 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 6 - مارت گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يېزىلىپتۇ، ئۇنىڭدا مەقسەت ئېنىق، تەدبىرلەر كونكرېت بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى ئورۇندايمىز.

  جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  ئىككى گۇرۇپپىنىڭ يىغىن مەيدانىدا ۋەكىللەر دوكلاتنى چۆرىدەپ بەس - بەستە سۆز قىلىپ، شىنجاڭ، ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتى، قارىشى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى، كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئوي - پىكىرلىرى، تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  ۋەكىل خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: مەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىغا تولۇق قوشۇلىمەن. دوكلاتتا 2014 - يىللىق خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلىنىپ، مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، توغرا ئانالىز قىلىنىپتۇ. 2015 - يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، دوكلاتتا مەركەزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى تولۇق ئىپادىلىنىپلا قالماي، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىنىپتۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئەلئارا سېلىنما كۈنسېرى جانلاندى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن كۆپ بولدى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئېشىش مىقدارى چوڭ ۋە ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچكە تولدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يېڭى نورمال ھالەتكە پائال ماسلىشىپ ھەم ئۇنى يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلايمىز.

  ۋەكىل لى شۆجۈن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا 2014 - يىللىق خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلىنىپ، مەسىلىلەر بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ؛ 2015 - يىللىق خىزمەتلەر ئىنچىكە، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، دوكلاتتا شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي رايونلارغا چېتىلىدىغان بايانلار ناھايىتى كۆپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە. بۇلتۇر شىنجاڭ مەملىكەتكە ئوخشاش مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە زور نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز بار.

  ۋەكىل ليۇ شىنچى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يېزىلىپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت تەدبىرلىرى ئېنىق، كونكرېت بولۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش تەكىتلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تۈپ تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، مەن دوكلاتقا تولۇق قوشۇلىمەن.

  ۋەكىل دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ كۆپ قىسىم مەزمۇنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشىدۇر. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، دوكلاتتا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، باھا ئىسلاھاتىنى پەيتنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ۋەكىل جارۇللا ھېسامىدىن مۇنداق دېدى: مەيلى بۇلتۇرقى خىزمەتلەرنى يەكۈنلەش ياكى بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، دوكلاتتا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش روھى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئۇنى توغرا ئىگىلەش تەكىتلىنىپتۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  ۋەكىل زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگو - پاكىستان، باڭلادېش - جۇڭگو - ھىندىستان - بىرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقىدا زور رول ئوينايدۇ. قەشقەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: دوكلاتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي رايون ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى نامايان قىلىنىپتۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  گو ليەنشەن، ۋاڭ چاڭشۈن، مەمتىمىن ياسىن، ئېزىز مۇسا، ئابدۇللا ئابباس، ليۇ جى، تالغات ھۈسەن، سارقىت ئاقان، مۇختەبەر سادىق، خې خۈيشىڭ، ھوشۇر ئىسلام، خۇاڭ روڭ، لى نا، ماھىنۇر نىياز، ۋاڭ جيەن، لى جيەنگو، جاۋ چىڭ، خاسىيەت ئېلى، دىلنار ئابدۇللا، ۋۇ گاڭ، شى ۋېنخەي قاتارلىق ۋەكىللەر گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىشتا سۆز قىلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر