باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەزالار سۆزىدە ئەل - يۇرتنىڭ غېمى

2015.01.27 13:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

  ‹‹ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە›› دېگەندەك، ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئوخشىمىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ باشقا نۆۋەتلىك يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان ‹‹ئۆزگىچە پۇرىقى›› نى پەيدا قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىمۇ ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئەزالار ئۆز يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، جۈملىدىن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈشى، داۋالىنىشى ۋە كىرىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بەس - بەستە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەل – يۇرتنىڭ غېمىنى يېدى.

  ئەزا بۇخەلچەم تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەن چېرا ناھىيەسىنىڭ دامىكو يېزىسى بىلەن نۇر يېزىسىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان يول ياساپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇندۇم. ھازىر نۇر يېزىسىدىن دامىكو يېزىسىغا بېرىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ 130 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇبادا، بۇ ئىككى يېزىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان يول ياسالسا مۇساپە ئەسلىدىكىدىن 40 نەچچە كىلومىتېر قىسقىرايدۇ. بۇ يولدىن چېرا بازىرى ۋە چاقا، ئۇلۇغساي يېزىلىرىدىكى ئاممىمۇ مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

  پوسكام ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەزا تۇرسۇنئاي ئابلىمىت يىغىنغا سەككىز پارچە تەكلىپ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تەكلىپلەر ئىچىدىكى قەشقەر - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسدىكى تەكلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  تۇرسۇنئاي ئابلىمىت مۇنداق دېدى: قەشقەر - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى ئاسانلاشتى، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا قولايلىق يارىتىلدى. لېكىن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن، دېھقان - چارۋىچىلار يەنىلا كونا يولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ھازىر قەشقەر - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا تۆت ئورۇندا ھەق ئېلىش پونكىتى بار، بىر پىكاپنىڭ قەشقەردىن خوتەنگە بېرىشى ئۈچۈن 80 يۈەن ھەق تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەققى ئۆرە بولغاچقا، پوسكامدىن قەشقەرگە بېرىشنىڭ كىراسى ئەسلىدىكى 30 يۈەندىن 100 يۈەنگە، ئاپتوبۇسنىڭ ئون يۈەندىن 50 يۈەنگە ئۆسۈۋالدى. بۇ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىزنىڭ يول ياساشتىكى مەقسىتىمىز خەلققە قولايلىق يارىتىش ۋە خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. قەشقەر - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى خەلق ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارغا ئىقتىسادىي بېسىممۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىم بۇ يولنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇندۇم.

  چاقىلىق ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەزا ئابلىز ئابلا مۇنداق دېدى: يېزىلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە چوڭ رول ئوينىغان بولسىمۇ، جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكەشتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىنىڭ رەسمىيەتلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، رەسمىيەت بېجىرىشكە كۆپ ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ھەم پۇرسىتى ئۆتۈپ كېتىپ، كېسەللەرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ. مەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىپ، ئالاھىدە ئەھۋالنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشىنى، يەنى جىددىي كېسەللەرنى ئاۋۋال يۆتكەپ، ئاندىن رەسمىيەتنى بېجىرىشكە رۇخسەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يەنە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، شەھەر ئەتراپىدىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئەزالىق بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر