باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى 6-ئايدا تاماملىنىدۇ

2015.01.27 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 23-يانۋار مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە جايلار ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىسلاھات مەزمۇنى، نىشانى ۋە تەدبىر، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېنىق بېكىتىپ، 2015-يىلى 30-ئىيۇندىن بۇرۇن مائارىپ مىنسىتىرلىقىدا ئەنگە ئالدۇرىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى: جايلار ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ2014-يىلى 12-ئايدا چىقىرىلغان« ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى قاتارلىق 4 يۈرۈشلۈك ھۆججەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكېرىت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىغا ماسلىشىشى، شاڭخەي، جېجياڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىدىكى پەنلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپنى ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش چارىسىنى ۋاقىتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  ئىگەللىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى گوۋۇيۈەن « ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلااتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى»نى چىقىرىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمى لايىھەسىنى تاماملىغان، بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يىل ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر