باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ پەن - تېخنىكا تۈرىگە ياردەم بېرىدۇ

2015.01.27 14:02         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ 20 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم بېرىدىكەن.

  ئىقتىسادىي ياردەم تۈرى - نۇقتىلىق، مۇنەۋۋەر، باشلاش تۈرىگە بۆلۈنىدىكەن. نۇقتىلىق تۈر ئاساسلىقى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مۇھىم تېخنىكىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، قوللىنىشچان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تۈرلەر بولۇپ، بۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە؛ مۇنەۋۋەر تۈر ئاساسلىقى، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر رىياسەتچىلىك قىلغان ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ياكى بىرەر پەن ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭغا 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە؛ باشلاش تۈرى ئاساسلىقى، چەت ئەلدە ئوقۇپ يېڭى قايتىپ كەلگەن ياكى ئەمدى قايتىپ كېلىدىغان، بىرەر پەن ساھەسىدە ياكى تېخنىكا ساھەسىدىكى تەتقىقاتتا ئۈزۈپ چىققانلار شۇغۇللىنىۋاتقان ياكى شۇغۇللىنىدىغان تۈرلەر بولۇپ، بۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم بېرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللاش پىلانىنى باشلايدىكەن. بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە بىر قېتىمدا 500 مىڭ يۈەن؛ بېكىتىلگەن مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە بىر قېتىمدا 200 مىڭ يۈەن بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر