- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى 283گە يەتتى
2015.01.27 11:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 23-يانۋار يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بېيجىڭ شەھىرى قاتارلىق157 مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت شەھەر، ئوبلاست، ناھىيە، رايون، خوشۇن، مەيداننى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلغان، بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئومۇمى سانى 283 گە يەتكەن.
مەملىكەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە يۇقۇرى ئۆلچەم يۇقۇرى سەۋىيەلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرستىش رايونىدىن 300نى قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىككى تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئاساسىدا 2014-يىلى 4-ئايدا ئۈچىنچى تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلاردىكى يېزائىگىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقائاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ئېلىمىزنىڭ زامانۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى ئىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىدىكى سىناق خىزمىتى قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر