باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى مەكتەپلەر بىلەن شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2015.01.27 13:58         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 23- يانۋار توردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى مەكتەپلەر بىلەن شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر ئارىسىدا «1000 مەكتەپ ئۆزئارا قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئۆزلىرى ياردەم قىلىۋاتقان جايدىكى مەكتەپلەر بىلەن «بىرگە بىر»، «كۆپكە بىر» ياكى «بىرگە كۆپ» شەكلىدىكى دوستانە مەكتەپ (يىللىق) مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى مائارىپ ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئۆز ئارا ياردەم قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى يولغا قويۇلۇپ، دوستانە مەكتەپ (يىللىق) لەر يازلىق لاگېر ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىنىدۇ؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا «بىردىن دوست تۇتۇش»، خەت يېزىشىش ۋە مىكروبىلوگدا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە، ئاندىن شەھەرلەدىكى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىلىدىكەن، بۇ پائالىيەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 1082 مەكتەپتە؛ 2017- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلاردىكى ھەممە مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر