باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى «پىكىر» تەستىقلىدى، ئارمىيەنىڭ پەرزەنتلەر مەكتەپلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2015.01.27 08:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى. ئارمىيەنىڭ پەرزەنتلەر مەكتەپلىرى ۋە يەسلىلىرىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشى، ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىدىكى غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باش سىياسىي بۇسى، باش ئارقا سەپ تەمىنات بۇسى بىرلىشىپ «ئارمىيەنىڭ پەرزەنتلەر مەكتەپلىرى ۋە يەسلىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى تارقاتتى ھەم ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر» مۇنداق دېيىلدى: ئارمىيەنىڭ پەرزەنتلەر مەكتەپلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. گازارما سىرتىدىكى پەرزەنتلەر مەكتەپلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن پۈتۈنلەي يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. گازارما ئىچىدىكى پەرزەنتلەر مەكتەپلىرى چوڭ، ئوتتۇرىھال شەھەرلەردە بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ناھىيەدىن تۆۋەن شەھەر-بازار ياكى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر