باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى157 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى

2015.01.27 13:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى 22 - يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10غىچە 157 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىپ، گۈلگىنە نىياز قاتارلىق 15 ۋەكىل سۇنغان ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نى تېزدىن تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ، جاڭ ۋېنچۈەن قاتارلىق ئون ۋەكىل سۇنغان ئايدىڭكۆل ھەۋزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تۈزەش توغرىسىدىكى تەكلىپ، ياڭ جيې قاتارلىق 15 ۋەكىل سۇنغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى يەرلىك ئىجادىي كىنو، تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىشلەش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىق سەككىز تەكلىپنى تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى.

  ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تاپشۇرىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بېجىرىشكە تاپشۇرۇش پىكرىنى بەرگەندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنىدا قارار قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە، يىغىن ۋەكىللەر سۇنغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىردىن 664 پارچىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇنىڭغا تەكلىپتىن تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرگە ئۆزگەرتىلگەن 149 پارچىنى قوشقاندا جەمئىي 813 پارچە بولىدىكەن. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر تاپشۇرغان تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنىدا قارار قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات، كومىتېتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تەتقىق قىلىپ بېجىرىشكە تاپشۇرىدىكەن ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر