باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلار يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

2015.01.27 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئېنېرگىيە مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش، كۆرگەزمە ۋە مۇنبەر ئۆتكۈزۈش، ئۆمەك تەشكىللەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ ئىقتىساد-سودا ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىپ ياكى تۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  گەنسۇ ئۆلكىسى 2013-يىلىدىن بۇيان، كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ، قىرغىزىستان، قازاقىستان، بېلورۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئىقتىساد-سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەردى؛ شەنشى ئۆلكىسى 2013-يىلى شىئەندىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بارىدىغان «چاڭئەن» ناملىق خەلقئارا يۈك پويىزىنى رەسمىي ئىشقا سالدى؛ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى 2010-يىلىدىن تارتىپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئەرەب ئەللىرى ھەم باشقا مۇسۇلمانلار رايونلىرى بىلەن بولغان سىياسىي سۆزلىشىش، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بەرپا قىلدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە شۆبە ئورگان قۇردى.

  بۇ نەتىجىلەر پەقەت گەنسۇ، شەنشى، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى خالاس. ئەمەلىيەتتە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، گەنسۇ، شەنشى، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار ئادىمىيەت، كەسىپ، سىياسەت ئەۋزەللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، رىقابەت ئىچىدە تەرەققىي قىلدى.

  گەنسۇ بىلەن شىنجاڭدا ئۆزگىچە رايون ۋە مىللىي مەدەنىيەت بار بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تىل ئالاقىسى قىلالايدۇ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئوخشايدۇ. گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ بۇ جەھەتتىكى ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا مەركىزى ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئورنىنى پائال قۇردى.

  نىڭشيا بىلەن شەنشى كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپ تۇتاشتۇرۇش بازىسى قۇرۇدى. نىڭشيا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن ئىبارەت سىرتقا يۈزلەنگەن بۇ ئىقتىساد كۆزنىكىگە تايىنىپ، ئەرەب ئەللىرى، مۇسۇلمانلار رايونلىرىغا يۈزلەنگەن مۇھىم مۇسۇلمانچە يېمەكلىك، مۇسۇلمانلار بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت بازىسى ۋە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەۋزەل، ئالاھىدە كەسىپلىرىنى تۇتاشتۇرۇش بازىسىنى تەدرىجىي قۇرۇدى. شەنشى ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەنشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نېفىت، گاز مىقدارى ۋە كۆمۈر مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائەت كەسپى شەنشى ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تىرەك بولۇپ، ئېنرگىيە، بايلىقى مول بولغان يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى تېخىمۇ پارلاق قىلغان. شەنشى دۆلەتنىڭ ئىلغار ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائەت بازىسى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلار بىلەن بىرلىكتە نېفىت، گاز بايلىقىنى قىدىرىپ ئېچىپ، ئىلغار نېفىت، گاز خىمىيە سانائەت تۈرىنى ھەمكارلىشىپ قۇرىدىكەن.

  بۇندىن باشقا، جېجياڭ، جياڭسۇ، چۇڭچىڭ، خېنەن قاتارلىق جايلارمۇ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئۆز رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر