- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تىرىك قۇش بېسىپ ئۈرۈمچىگە كىرگەن ئاپتوموبىللار قايتۇرۇۋېتىلىدۇ
2015.01.27 13:59 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
قاتناش ساقچىلىرى 24- يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت نۆلدىن باشلاپ تىرىك قۇشلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سويۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەجرىبە قىلىش ۋە كارانتىن قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن «شىنجاڭ پاكلان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى»، «شېنكاڭ چارۋا ۋە قۇش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى»، «شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرى» نىڭ تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا تىرىك قۇشلارنى بېسىپ شەھىرىمىزگە كىرمەكچى بولغان ئاپتوموبىللىرى نەسىھەت قىلىنىپ قايتۇرۇلۇشقا باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ «بەلگىلىمە» مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدىكى تىرىك قۇش سودا بازارلىرىنى تاقاش، تىرىك قۇش تىرانسپورتىنى باشقۇرۇشنى تەرتىپكە سېلىش يۈزىسىدىن يولغا قويۇلغان. تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا شەھىرىمىزدە يول يۈرۈش ۋە يۈك توشۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئەينىكىگە 01.24 دېگەن سان چاپلىنىدىكەن ۋە شىركەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋاقىتلىق كىنىشكا بېرىلىدىكەن ھەم يېڭى قاتناش كىنىشكىسى ئىشلىتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر