باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2015.01.27 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا پىكىر ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىدارلىق ھوقۇقى سودا بازىرىنىڭ ئورنى، شەكلى، يۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كاپالەت تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇردى، پىكىردە، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئېلىمىزنىڭ سەككىز تۈرلۈك يېزا ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بازارغا سېلىپ سودىلاشسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مالىيە ئىگىدارلىق ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى جامائەت پىكرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ كەلدى. ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان پىكىردە ھازىرقى باسقۇچتىكى بازارغا سېلىپ سودىلاشسا بولىدىغان ئاساسلىق تۈرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇلار-دېھقان ئائىلىلىرى كۆتۈرىگە ئالغان يەرلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئورمان ھوقۇقى، قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئىدىر، قاقاس ساھىلنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، يېزا كوللېكتىپ باشقۇرىدىغان مۈلۈك، يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرى، كىچىك سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، يېزا ئىگىلىك تۈرىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى شۇنداقلا يېزا قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش، كەسىپ تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق باشقا تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرۈشتۈرۈشنى مىسالغا ئالساق، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەر يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق خىزمەت بولغان ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىشنىڭ ھازىرقى سىناق دائىرىسىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمى 330 مىليون موغا يەتتى، بۇ يىللىق قاپلىنىش كۆلىمى 500 مىليون مو ئەتراپىغا يېتىشى مۇمكىن. گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ پىكرىدە تەكىتلەنگەن ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىنى ئاساس قىلىش، ئاشكارا، ئادىل، قېلىپلىق بولۇش، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت پىرىنسىپمۇ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى كۆڭۈل بۆلگەن ئىش ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر