باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى

2015.01.27 14:01         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 10 تارماقتىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا قەشقەر ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنىڭ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، نۆۋەتتە 15 كارخانا بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى.

  بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ۋۇ خۇا بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈ خۈەن بىرلىكتە «قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايوننىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خاتىرىسى» نى ئىمزالىدى ھەمدە قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونغا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لاياقەتنامىسى بەردى.

  گوۋۇيۈەن بۇلتۇر 2- سېنتەبىر قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. دەسلەپكى مەزگىلدىكى پىلانلانغان كۆلىمى 3.56 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى، باجدىن خالىي ئامبار، ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆرگەزمە، پورت مەشغۇلاتى، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى ۋە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتتىن ئىبارەت يەتتە چوڭ ئىقتىدار رايونى تەسىس قىلىنىپ، خەلقئارالىق يەتكۈزۈش، خەلقئارالىق سېتىۋېلىش، خەلقئارالىق ئۆتەڭ سودىسى ۋە ئېكسپورت قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدى. قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2-، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى ۋە ئالاتاغ باجدىن خالىي رايوندىن كېيىنكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 4- تاموژنا ئالاھىدە نازارەت رايونى.

  نۆۋەتتە 15 كارخانا بىلەن قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم مەبلەغ سېلىش تۈرى پىلانىنى تاپشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش سوممىسى 3 مىليارد 35 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر