باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>شىنجاڭ زېمىنىدا>>تەرەققىياتلار

بۇ يىلدىن باشلاپ قەشقەر بىلەن قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە رايون ھەر يىلى 50 مىليون يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ

2014.07.14 11:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە ھەر يىلى قەشقەر، قورغاسدىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا 50 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىپ، بۇ ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2010-يىلى قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىندى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جۇغلاش قېيىن بولۇش، سودىگەر جەلپ قىلىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغاچقا، ئالاھىدە سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىشمۇ تەس بولدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى.

  قەشقەر، قورغاس ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتى- شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش، شەرقنى جەلپ قىلىش، غەرب بىلەن بىرلىشىش، قۇرۇقلۇق يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى ئۆستۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر