باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقتۇ ناھىيەسى ياشانغانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە

2014.03.17 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: -ئۆيدە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بار، ئەمدى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاۋارە بولمايدىغان بولدۇق، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلۇقىغا كۆپ رەھمەت، دېدى-نۇرمۇھەممەد بوۋاي.

  2-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى تېببىي خادىملارنى تەشكىللەپ، ناھىيەدىكى 80 ياشتىن ئاشقان 1453 كىشىگە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ تارقىتىپ ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، ياشانغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە دىققەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  بۇ ناھىيە سۆھبەت يىغىنى، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياشانغانلارغا ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردى. چاغان مەزگىلىدە 1345 ياشانغان كىشىگە 268 مىڭ 400 يۈەن ھال سوراش پۇلى ۋە بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.

  ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلىمىنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ياشانغانلار قانۇنى»نى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى. ياشانغانلار مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، بۇ مەركەزنى ياشانغانلارنىڭ كۆڭۈللۈك سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈردى.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر