باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلار كۇتۇپخانىسى دېھقان-چارۋىچىلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

2014.03.17 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى مەزگىلىدە، قانداق قىلغاندا ئىلمىي باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە ئاقتۇ دېھقانلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، شۇڭا، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى.

  ئاقتۇ ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 15 يېزا (بازار)، 120 مەمۇرىي كەنتتە دېھقانلار كۇتۇپخانىسى سېلىپ، تۈرلۈك كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى سەپلەپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  مۇخبىر ئاقتۇ ناھىيە قاراكېچىك يېزىسىنىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسىدا كىتابلارنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى، دېھقانلارنىڭ كىتاب كۆرگەچ، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق ھەققىدە پىكىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  باقمىچى ئالىم مۇخبىرغا: بۇلتۇر چارۋىلىرىمنىڭ سېتىلىشى تېز بولدى، بۇ يىل كۆلەمنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن، باقمىچىلىق بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىۋاتىمەن، ھازىر كەنتىمىزدىكى كىتابخانىغا دائىم بارىمەن، دېدى.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر