باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپلىگەن دۆلەتلەر مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئىز دېرىكىنى تاپالمىدى

2014.03.17 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 9 كۈن بولدى، ئىزدەش دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىلگەن، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ياردەم بېرىش كۈچى ئىزدەش ئىشلىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ، بۈگۈنكىچە بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى.

  بېنگال دۆلەت تەرەپ 15- مارت مۇنداق دېدى: بېنگال دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن دېڭىز قىرغىقى ساقچى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئاز دېگەندە ئالتە ھەربىي پاراخوت ۋە يەتتە ئايروپىلان ئاجرىتىپ ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇردى. بېنگال دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: باش مىنىستىر ھەسىنارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىككى مۇھاپىزەتچى پاراخوت بىلەن ئىككى دېڭىزدا چارلىغۇچى ئايروپىلان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ، ھەرىكەت ئالدى بىلەن بېنگال قولتۇقى بىلەن قوشنا رايونلاردا ئىلىپ بېرىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا، باشقا رايونلارغا كېڭەيتىلىدۇ. ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.

  بىرونى خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتى 15-مارت بىرونېغا يېقىن ئەتراپدىكى دېڭىز ساھىلىدا مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئاختۇردى، بىراق ھېچقانداق قىممىتى بار يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى.

  ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 15-مارت مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى 10-مارتتىن باشلاپ ئاتسىخ ئالاھىدە رايونىغا يېقىن جايدىكى مالاككا بوغۇزى دېڭىز ساھىلىدا ئاختۇرۇش ئىلىپ باردى، ھازىرغىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئالاقىدار ھېچقانداق يىپ ئۇچىنى بايقىمىدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالايسىيا ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مالايسىيا ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ باشلىقى زاھىرنىڭ تۇرالغۇ جايىنى ئاختۇرغان. مالايسىيا ساقچى تەرەپ 16-مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاختۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلماقچى، ئايروپىلان گۇرۇپپا باشلىقى زاھىرى بۇ يىل 53 ياشتا بولۇپ، 1981- يىلى مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە كىرگەن ، 18 مىڭ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۇچقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر