باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.03.17 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 16 – مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى: جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 2014 – يىللىق شىنجاڭدىكى تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلدى، بايلىق ئېچىش ئىسلاھاتى ۋە ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇن. جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئىسلاھاتنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىشنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن سانائەتلىشىش ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىق باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لياۋ يۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاكتىپ قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرگە مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر