باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش- دېھقان-چارۋىچىلارغا قولايلىق ياراتتى

2014.03.17 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيە ئويتاغ بازىرى چمئېرىق كەنتىدىكى دېھقان گۈلباھار داۋالىنىش ئاتچوت قەغىزىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ: ئوپىراتسىيەگە 3000 يۈەندىن كۆپرەك كەتكەنىدى، 2400 يۈەندىن كۆپرەك ئاتچوت قىلىندى، ئۆزۈم نەچچە يۈز يۈەنلا تۆلىدىم، ھازىر كېسەل بولساق داۋالىنىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، دېدى.

  مانا بۇ- يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن نەپكە ئېرىشكەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بىرى. ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دوختۇرخانا، شىپاخانا، داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ياردەم سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، داۋالىنىش ئاتچوت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى داۋالىنىش ئىسلاھاتىدىن ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلدى.

  ئاقتۇ ناھىيەلىك ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى: دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ناھىيەمىز ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش داۋامىدا پۇل تۆلەش چېكىنى تۆۋەنلىتىش، تۆلەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك قاتناشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئامبولاتورىيە، بالنىستتا داۋالىنىش ياردىمىنى ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش، بىر كارتا بىلەن كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق قولاي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش راسخوتىنى ئاتچوت قىلىشغا قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈردى.

  نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە بويىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان-چارۋىچىلار 170 مىڭ 400 كىشىگە، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.37كە يەتتى. ھەر قايسى يېزا (بازار)، مەيدان شىپاخانىلىرىغا سەپلەنگەن ئاساسىي دورا 609 خىلغا، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئۈچۈن تولۇقلانغان دورا 223 خىلغا يەتتى.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر