- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن تەرەققىيات پىلانى خامچوت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
2014.03.17 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن 15-مارت 2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2013-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2014–يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تولۇق تېكىستى بىلەن تارقاتتى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 13-مارت بۇ ئىككى دوكلات توغرىسىدىكى قارارنى ئايرىم ئايرىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى ۋە تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
1. 2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى.
2. 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى،ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي نىشانى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى.
3. 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى،ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى.
2013-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2014–يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
1. 2013-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى.
2. 2014 –يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھىسى.
3. 2014-يىللىق خامچوت ئىجراسىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر