باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلدى

2014.03.17 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچتە فېشت ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا يېپىلدى. خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىۋىن يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ سۇچى قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ بىر نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بىر نۆۋەتلىك مۆجىزىگە گۇۋاھ بولغان كاتتا مەرىكە بولدى، دېدى. ساھىبخان دۆلەت رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 30 ئالتۇن مىدال، 28 كۈمۈش مېدال، 22 مىس مېدال بىلەن مېدال سانى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۈردى. گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كانادا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم 2- ۋە 3-بولدى. سۇچى قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى- جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان 4-نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى گەرچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى قېتىم مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان جۇڭگو چاقلىق ئورۇندۇق مۇز چەينەك ئەترىتى 4-بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر