باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ يېڭى نۇسخسى رەسمى يولغا قويۇلدى

2014.03.17 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-مارت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىدىكى« ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» رەسمى يولغا قويۇلدى، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان بۇ قانۇنغا تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلىشى.

  يېڭى قانۇندا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: تىجارەتچىلەر تور، تېلىۋىزور، تېلېفون ۋە پوچتا قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توۋار ساتسا ئىستېمالچىلارنىڭ توۋار سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مال قايتۇرۇش ھوقۇقى بار، بۇنىڭغا ھىچقانداق سەۋەب كەتمەيدۇ.

  يېڭى قانۇنىدا يەنە مەھسۇلاتنى قايتۇرۇۋېلىش مەجبۇرىيىتى تۇنجى قېتىم ئېنىق بېكىتىلدى، يېڭى قانۇنىدا ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: تىجارەتچىلەر ئۆزى تەمىنلىگەن توۋار ياكى مۇلازىمەتتە نوقسان بارلىقىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇشى شۇنداقلا سېتىشنى توختىتىش، ئاگاھلاندۇرۇش، قايتۇرۇۋېلىش، زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، كۆيدۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ياكى مۇلازىمەتنى توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، قايتۇرۇۋېلىش تەدبىرى قوللانغان تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ توۋارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  يېڭى قانۇننىڭ چىقىرىلىشى بىلەن ئەڭ تۆۋەن ئىستېمالغا چەك قويۇش قاتارلىق مۇشتۇمزور ماددىلار ئېنىق چەكلەندى، ئىستېمالچىلار مۇشۇنداق مۇشتۇمزور ماددىلارغا يولۇقسا رەت قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشىمۇ بازارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى چارىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر