باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىن گاڭ قىرىم مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

2014.03.17 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 16-مارت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قىرىم مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ۋاقىتتا قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قارىلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ، ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش- سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. چىن گاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قىرىم مەسىلىسىنى ئومۇم خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەندە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۈرۈشلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى ليۇ جىيى جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىلىدى. چىن گاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىزچىل ئادىل، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى، داۋاملىق تىنچ سۆزلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇكرائىنا كىرزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. بىز جۇڭگونىڭ تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، مۇھىم نۇقتا- ئالاقىدار تەرەپلەردىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا ياراشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسىي يول بىلەن ئۇكرائىنا كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش. ھەر قايسى تەرەپلەر مۇشۇ مەزگىلدە ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۋېتىدىغان ھەرىكەت قوللانماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر