باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

تېنىمىزدىكى ئەزالارغا ئەڭ كېرەكلىك يېمەكلىكلەر

2014.03.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆز: تۇخۇم سېرىقىدا كاروتىن، كىسانتوفىل،كۆممىقوناق فلاۋىنى قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، كۆزنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى بىردىن تۇخۇم يېيىشنى بەش ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. سېرىقى قېنىق بولغان تۇخۇمنىڭ كۆزنى ئاسراشتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  چوڭ مېڭە: كۆكقات (كاپۇستا)، غەرب كەترەنى، چېچەكسەي قاتارلىق كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئاتسېتىلخولىن بولۇپ، ئۇ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. كاللەك كۆكتاتنى خام پىتى يېگەندە، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

  تېرە: شوخلا تېرىنى كۈن نۇرىنىدىن قوغدايدىغان ئەڭ ياخشى مەلھەم بولۇپ، ئۇ تېرە قۇرغاقلىشىش، يىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە تەبىئىي، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان لىكوفېن مول. تېرە ھەر كۈنى پەقەت 16 مىللىگىرام لىكوفېن قوبۇل قىلسىلا، تېرىنىڭ ئاپتاپتىن زەخىملىنىش خەۋپىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  بۇرۇن: چاكچاك (گازىر) مېغىزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E ئەڭ كۆپ. ۋىتامىن E ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ھەر كۈنى 30 گىرام چاكچاك مېغىزى يەپ بەرگەندە، ئېھتىياجلىق ۋىتامىن E نىڭ %46 تولۇقلىنىدۇ.

  كالپۇك: ھەر كۈنى بىر نەچچە تال ياڭاق يەپ بەرگەندە، كالپۇك قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ياڭاقنىڭ تەركىبىدە مول ئاۋمىجا – 3 بولغاچقا ماددا ئالمىشىشقا ياردىمى بولىدۇ.

  چىش: چىش مىلىكىنىڭ قانىشىدىكى سەۋەب ۋىتامىن C نىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلى ۋىتامىن C نىڭ موللىقى جەھەتتە بارىلىق مېۋىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەگەر چىش ئاغرىقى بارلارنىڭ چىشى چىدىغۇسىز ئاغرىسا ياكى چىشى قاناپ ئازابلانسا، ھەر كۈنى مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرسە، ئاغرىقنى توختىتىپلا قالماستىن يەنە ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %50 تۆۋەنلىتىدۇ.

  كۆكرەك: يېڭى چېچەكسەي راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئەمچەك راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ فېرمېنت شەكىللەندۈرىشىنى توسۇپ قالالايدۇ. يېشىل چېچەكسەينىڭ ساغلاملىقنى ئاسراش ئۈنۈمى يۇقىرى.

  يۈرەك: سەرەبىل تەركىبىدىكى مول بولغان فولىن كىسلاتاسى يېرىمدىن ئارتۇق سىستىننى ئازلىتالايدۇ. بۇنداق سىستىن ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەرەبىلنى ئىستېمال قىلغاندا، كالىيغا ئوخشاش يۈرەككە پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ بىرگە قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئاشقازان – ئۈچەي: ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى پۇرچاق ئاساسى خام ئەشيا قىلىنىپ ئېچىتىلىپ ياسىلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ.

  سۆڭەك: شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە مول ماگنىي بولغاچقا، كۆپ مىقداردا ماگنىي تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  مۇسكۇل ۋە بوغۇم: زەيتۇن يېغىنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ماي كىسلاتسىنىڭ ئاجرىلىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنىڭ زەخملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. زەيتۇن يېغىنى ئىشلەتكەندە سوغۇق كۆكتات تەييارلاپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  تۇمارىس يالقۇن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر