باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

ئۇستازلارغا تەشەككۈر!

تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن)

2017.09.06 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ قەدرىگە يەتتىم. ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئادەم تەربىيەلىمەك نېمانچە تەستۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب بوستانىدا مەڭگۈ خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان گۈل بولماق نېمانچە تەستۇ؟ ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتمەك، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقەتنىڭ توغرا يولىدا مەڭگۈ ئېغىشماي ماڭىدىغان قىلىپ تەربىيەلىمەك نېمانچە تەستۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنى ئىنسانىيەت تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىدىغان بىر ئەزىمەتكە ئايلاندۇرماق نېمانچە تەستۇ؟

  مېنى ئوقۇتقۇچىلىرىم تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان. مەن بىر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن، ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئەمما، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى زامانىۋىيلاشمىغان، ئوقۇتۇش جەريانلىرى ئەلالاشتۇرۇلمىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىق روھى قوزغىتىلمىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلاقلىرى تولۇق ئېچىلمىغان «قۇيۇپ قۇيۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان ئۇستازلىرىمنى ئويلىغىنىمدا خىجىل بولىمەن، ئۇستازلىرىمنىڭ جاپالىق ئەجرىگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.

  گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرىغا تولغان، چىنە خىشلار ياتقۇزۇلغان يوللار، تال باراڭلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان ئۆگىنىش سەيناسى، تۆتقۇلاق ۋە ھەر خىل زىننەت گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن چىملىقلار، تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇلغان تەنتەربىيە مەيدانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇشقۇن ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇرىدىغان مەكتەپ ھويلىسى، مەكتەپ ھويلىسى ئىچىدىكى ئادەمنى مەھلىيا قىلىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر؛ ئازادە يۇرۇق، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن سىنىپلار، ئادەمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ سېلىنغان ياتاقلار، ياتاقلاردىكى قايناق تۇرمۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن ھالەتلىرى قەلبىمنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدۇ. مەن مانا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. مېنىڭ 30 يىللىق ھاياتىم ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شوغىللىنىش، ھەم ئادەم تەربىيەلەش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.

  ئوتتۇز يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس، شۇنداقلا بەك كۆپ ۋاقىتمۇ ئەمەس. مېنى تەربىيەلىگەن جاپاكەش ئۇستازلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ گۈزەل ياشلىقى قاراڭغۇ، زەي سىنىپ، ئىشخانىلاردا، تۇپا-تۇمان ئۇچۇپ تۇرغان مەيدانلاردا، كاتاڭلىق يوللاردا ئۇزاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ گۈزەل ياشلىقى قۇرما تاملاردا، كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، خاتىرە يېزىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ گۈزەل ياشلىقى چوڭ بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ تەربىيەلەش، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئورۇنداش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. جاپاكەش ئۇستازلىرىم ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدىن، خىزمەتنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان يوللىرىدىن، گۈزەل ئەتىگە باغلانغان گۈزەل ئىنتىلىشلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئۇستازلىرىمنىڭ پىداكار روھى مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم.

  ماڭا دەرس بەرگەن، مېنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان، مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن، ماڭا يار-يۆلەك بولغان ئۇستازلىرىمغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئۇستازلىرىمنى شامغا ئوخشاتقۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى شام نەرقى ئەرزان، پۇرىقى سېسىق نەرسە؛ ئۇستازلىرىمنى گۈلگە ئوخشاتقۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى ھەرقانداق گۈزەل گۈللەرمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۈزۈپ كېتىدۇ؛ ئۇستازلىرىمنى قۇياشقا ئوخشاتقۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى، قۇياشمۇ ۋاقتى-قەرەلىدە پېتىپ كېتىدۇ. ئۇستازلىرىمنى يىلتىزلارغا ئوخشاتقۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى، يىلتىزلارمۇ چىرىپ قالىدۇ. قىسقىسى، ئۇستازلىرىمنى ھېچنېمىگە ئوخشاتقۇم كەلمەيدۇ، ئوخشىتىشنىمۇ خالىمايمەن.

  ئۇستازلىرىمنى كۆرگەندە چىن دىلىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئۇلارغا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىگىنىمنى ئويلىغىنىمدا، خىجالەتچىلىكتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مەرھۇم ئۇستازىم مۇھەممەت سىدىق تۆمۈرى: «ئاتا ئون بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشالايدۇ، ئەمما، ئون بالا بىرلىشىپ بىر جۈپ ئاتا-ئانىسىنى باقالمايدۇ» دېگەنىدى. جاپكەش ئۇستازلىرىم نەچچە قارار سىنىپ مۇدىرى بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت مەمۇرلىرىنى، يوقىرى ساپالىق پەن-تېخىنىكا خادىملىرىنى، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان دوكتۇرلارنى، پىروفېسسورلارنى، ئاتاقلىق يازغۇچى-شائىرلارنى، ئالقىشقا سازاۋەر بولغان بۈيۈك سەنئەتكارلارنى، داڭلىق قانۇنشۇناسلارنى، شىپاگەر دوختۇرلارنى، مېھىربان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى، كۆپكە قادىر تېخنىك خادىملارنى دەل ئۇستازلىرىمىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇستازلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ھېسابسىز...

  بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. مەن بايراملىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىۋېتىپ، ئۇستازلىرىمنى بىرمۇ-بىر ئەسلەپ چىقتىم. ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قوللىرىدىن ھۆرمەت گۈلدەستىلىرىنى قۇبۇل قىلغىنىمدا، بۇ گۈلدەستىلەرنى ئۇستازلىرىمغا ھۆرمەت بىلەن تۇتقۇم كەلدى. سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمنىڭ كۆپى ئالەمدىن ئۆتتى...

  ئەي جاپاكەش ئۇستازلار، سىلەرگە بەك قەرزدارمەن. سىلەرمۇ بىزلەرنى ئاسانلا تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئەمەس. ئەجرىڭلار، مېھنىتىڭلار، پەرۋىشىڭلارنىڭ ھەر تامچە كەۋسىرى قەلب ئېتىزلىرىمنى سۇغىرىپ تۇرىدۇ.

  ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھالىغا يەتتىم، 30 يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ مەنمۇ ھالىمدىن كەتتىم... ئوقۇتقۇچىلىق جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت. ئوقۇتقۇچىلارنى «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى» دەيدۇ. ئېگىز، ھەشەمەتلىك، راھەت بىنالاردا ئولتۇرغانلاردىن قايسى بىرى قۇرۇلۇش ئىنژېنىرىلىرىنى تىلغا ئېلىپ قۇيىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەسىگە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىمايىسىگە، ئوقۇتقۇچىنىڭ پەرۋىشىگە، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئېرىشكەن ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۇستازلىرىنى ياد ئېتىدۇ؟ مەن ئۇستازلىرىمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە، ئېسىل پەزىلىتىگە، ئادىمىيلىكنى يادرو قىلغان چوڭقۇر مېھرىگە، ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈشتەك پىداكار روھىغا تەشەككۈر ئېيتتىم.بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. مەن بايرام تىلەكلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتتىم. جاپالىق يىللاردا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان ئۇستازلىرىم كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى. ئۇلاردىكى ئۇستازلىق روھى قەلبىمنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىپ، روھىمنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. ئەي جاپاكەش ئۇستازلىرىم، بۈگۈنكى بەختىيار، ئەۋزەل مائارىپ شارائىتىمىز، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ئەۋزەللىكلىرىمىز، ئەڭ ئىلغار تەربىيەلەش مۇھىتىمىز سىلەرنىڭ گۈزەل-ئارزۇ ئىستەكلىرىڭلاردىن كەلگەن. بىز سىلەردىن مىننەتدار ئۇستازلار!

  2017-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاۋات

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر