باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى 4-چوڭ شەھەر خىيۇستۇندا ئىككى جۇڭگو شەھەرچىسى بار

2017.09.30 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدىكى 4-چوڭ شەھەر خىيۇستۇندا ئىككى جۇڭگو شەھەرچىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمى بىلەن ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى قوش غەلىبە قىلىش يولىغا شاھىت بولدى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ چەتئەللەرگە بېرىپ ئوقۇدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئامېرىكىغا بېرىپ بىلىم ئالدى. بۇنىڭ بىلەن خيۇستۇندىكى جۇڭگو شەھەرچىسى ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلدى. 80-يىللارغا كەلگەندە، جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. خىيۇستۇندىكى يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىنى قۇرۇش يوپۇقى ئېچىلدى ھەمدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى.

  يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىنىڭ دائىرىسى 16 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، خىيۇستۇننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. 1983-يىلى يېڭى بىر تۈركۈم سودا كەسپىي بۇ يېڭى شەھەرچىسىگە رەسمىي كىردى. يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىنىڭ لايىھەسى تېخىمۇ زامانىۋى بولۇپ، كونا جۇڭگو شەھەرچىسىگە قارىغاندا رەتلىك ئىدى.

  خىيۇستۇن غەربىي جەنۇب باشقۇرۇش رايونىنىڭ باشلىقى، خىيۇستون شەھەر باشلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلار مەسلىھەتچىسى لى شۇڭنىڭ يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىدە يەر زېمىن شىركىتى بار بولۇپ، دادىسى ئاچقان تاللا بازىرى بىرىنچى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىگە كىرىپ ماكانلاشقان دۇكانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لى شۇڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى كۆچمەنلەر كۆپ ۋاقتىنى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزەتتى، باشقا ئىقتىدارى چەكلىك ئىدى، شۇڭا تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولدى. ھازىرقى يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۇقۇش تارىخىي ئۇزۇن كىشىلەر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. شۇڭا جۇڭگو شەھەرچىسىمۇ يېڭى قىياپەتكە كىردى.

  ھازىر شۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپ يىل تىجارەت قىلىشى، پەرۋىش قىلىشى ئاستىدا، خيۇستۇندىكى جۇڭگو شەھەرچىسىنىڭ بىر قانچە مەيدانىغا چوڭ-كىچىك دۇكانلار، چوڭ تىپتىكى تاللار بازارلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە زەنجىرسىمان بانكىلار ماكانلاشتى ھەمدە شۇ يەردىكى ئاسىيالىقلارنىڭ سودا قىلىش ۋە مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە ئايلاندى. بانكىلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەنلىكتىن، يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىنىڭ يەنە «خيۇستۇندىكى ۋول كوچىسى» دېگەن نامى بار. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانچىلىك گۈللەنگەنلىكىنى ۋە مۇھىملىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  سىت توماس ئۇنىۋېرسىتېتى خىيۇستۇن تارماق مەكتىپىنىڭ سىياسىي پەن پىروفېسسورى جون.تايلور جۇڭگو مەسىلىسىنى ئۇزاق مەزگىل تەتقىق قىلىش جەريانىدا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياقتۇرۇپ قالغان ھەمدە ئۆزىگە خەنزۇچە گاۋ چاۋئېن دەپ ئىسىممۇ قويۇۋالغان. ئۇ ھەر ئايدا ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ بىر ئىككى قېتىم جۇڭگو شەھەرچىسىگە كېلىپ مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىمىز، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: خيۇستۇندىكى جۇڭگو شەھەرچىسىنىڭ گۈللىنىشى يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېڭى جۇڭگو شەھەرچىسىدە ئىپادىلەنگەن سىغدۇرۇشچانلىق كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى خىيۇستۇندىكى جۇڭگو كۆچمەنلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇغان ياشلار ئىكەنلىكىدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن خىيۇستۇنغا كەلدى، چۈنكى بۇ يەر ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچۈك شەھەرلەرنىڭ بىرى.

  خىيۇستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 80 ياشلارغا كىرىپ قالغان پىروفېسسورى، خىيۇستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تېكساس ئۇلترا توك ئۆتكۈزۈشچانلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى مېڭ رۇمىن جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان بىر تۈركۈم ئالىملاردىن بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا خىيۇستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئولتۇرا توك ئۆتكۈزۈشچانلىق ساھەسىدىكى ئاتاقلىق مۇتەخەسسىس جۇ جىڭۋۇغا ياردەملىشىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئولتۇرا توك ئۆتكۈزۈشچانلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىدىكى مەنپەئەتدار بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: دەسلەپتە خىيۇستۇنغا كەلگەندە نۇرغۇن جۇڭگولۇق مېنى قارشى ئالدى، ئۇلار مېنى جۇڭگودىن كەلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ كۆردى، مەن كونا مۇھاجىرلارنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگولۇقلار كۈچىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خىيۇستۇندىكى جۇڭگو شەھەرچىسى يېڭى ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، خىيۇستۇننىڭ غەربىدە يەنە بىر جۇڭگو شەھەرچىسى سېلىش پىلانى يولغا قويۇلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي جەمئىيىتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شەندۇڭ يۈخۇاڭ خىمىيە سانائىتى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياۋ چاۋلياڭ-ياش بىر ئەۋلاد كۆچمەنلەرنىڭ ۋەكىلى. ئۇ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشى-جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت ئىچىدىكى قاينام-تاشقىنلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات-چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلارغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى. چەتئەللەردىكى يېڭى ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، ئۇلارنىڭ ئويلىرى تېخىمۇ جانلىق بولدى.

  لى شيۇڭ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن چىقىش قىلىپ، يېڭى ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاساسىي جەمئىيەتكە تېخىمۇ تېز يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھەر بىرىمىز ئەلئىچىدىكى دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى، بىز ئارقىلىق، ئۇلار جۇڭگولۇقلارنىڭ مېھماندوست، تىنچلىقپەرۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.

  خەلقئارادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى شىللېر تەتقىقاتخانىسىنىڭ خىيۇستۇندىكى ۋەكىلى بىرايىن رانتىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا قوشقان تۆھپىسىنى ماختىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپلىك ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدا، ئامېرىكىلىقلار نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتى، بۇ-جۇڭگولۇقلارنىڭ كوللېكتىپ جاپاغا چىداش روھى شۇنداقلا يېڭى ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاجايىپ كەسپىي تۆھپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر