باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا

2017.09.30 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بار بولۇشتىن سەرخىل بولۇشقىچە، بايلىقتىن مەھسۇلاتقىچە، ئەنئەنىۋىدىن زامانىۋىلىققىچە بولغان جەرياندا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ زور قەدەم تاشلىماقتا.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ تەڭ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستى. بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق مەھسۇلاتى يەتتە مىليون 289 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 300 مىڭ توننا كۆپىيىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۇدا توققۇز يىل ئاشتى.

  تاغ-دالىلاردىكى قوتانلاردا بېقىلىۋاتقان قوي، كالا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى تەدرىجىي كۆپەيدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 65 مىليارد 315 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %8.64 ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى. جايلاردىكى دەريا، كۆللەردىكى بېلىقچىلىق ئىشلىرىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى بېلىقچىلىقى دەسلەپكى سىستېمىسىغا ئىگە بولدى. بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى مىقدارى 162 مىڭ توننىغا يېتىپ، غەربىي رايوندا ئۇدا 1-ئورۇندا تۇردى.

  كۆپ يىل مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مېۋە-چىۋە ماكانىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ باغۋەنچىلىك-شىنجاڭنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىليون موغا، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11 مىليون توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 85 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدا، يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭدىكى ئەۋزەل كەسىپتىن ئالاھىدە كەسىپكە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇردى. يېزا ئىگىلىك مىقداردىن سۈپەتكە قاراپ ئۆرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالارنىڭ يانچۇقىمۇ پۇلغا تولدى. بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئون مىڭ 180 يۈەنگە يېتىپ، %8 ئېشىپ، ئون مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلدىن تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈپ ئۆتتى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى، يۆتكەش خاراكتېرلىك كىرىمى-دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرتكىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر