باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلدى

2017.09.30 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتى نامرات كەنىت ئاھالىلىرىگە ئۆسۈمسىز، كېپىلسىز ئاز سوممىلىق ياردەم پۇلى تارقىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش قېيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى دومىلىما تەرەققىياتقا ئىگە قىلدى، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

  ئىمىرجان ياسىن ئائىلىسى خوتەن ۋىلايىتى كىرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرى قارا تولۇن كەنتىدىكى نامرات ئائىلە.ئۆتكەن يىلى كەنت ئۇنىڭ پۇلى يوقلىقى سەۋەبىدىن باقمىچىلىق قىلالمىغانلىقى ،قوتان سالىدىغان يەر يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قوتان سېلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ يىل 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ 5000 يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا ئۇ كالا سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىققا كىرىشىپ كەتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى موزاينى 20 مىڭ يۈەنگە ساتتىم، قوتاندا كەپتەر، توخو باقىمەن، ئايالىم ئۆيدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپىدۇ، ھازىر ئائىلەمنىڭ كىرىمى بىر قاتلىدى. مەن سىرىتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىر ھەپتىدە 100 يۈەن قايتۇرىمەن. ئۇنىڭ ھەپتىسىگە يۈز يۈەن قايتۇرىمەن دېگىنى ياردەم پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېھقانلارغا ئاز سوممىلىق ياردەم بىرىش يولغا قويۇلغان ۋاقىتتا جېجياڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتى بىلەن ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك سودا سانائەت بىرلەشمىسى بىلەن كەنىت ئاھالە كومىتېتى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەردىن ئەمگەك ئىقتىدارى بار ياكى ھۆنىرى بار كەنىت ئاھالىلىرىنى تاللاپ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى بېكىتىپ، تەربيىلەپ يېتەكلىدى.

  قارا تولۇن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى روزى ئوسمان مۇنداق دېدى: كەنت كومىتېتى مەخسۇس ئەۋەتكەن خادىم دېھقانلارنى باشلاپ بېرىپ يېزا بازىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەنت مالىيەسىگە يۈز يۈەن تاپشۇرىدۇ، بۇ پۇلنى بىر تۇتاش بانكىغا قويىمىز. ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى يۇقۇرىلىدى، بېيىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر