باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

نەسىھەتلەر جەۋھىرى-«رۇبائىيات مەشائىل»

تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

2015.12.03 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇبائىي-شېئىرىيەتنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ۋە بەدئىي ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ ئىپادىلەيدىغان، ھەر بىر كۇبلىتى تۆتلا مىسرادىن تەركىب تاپىدىغان بىر پۈتۈن مۇستەقىل پەلەسەپىۋى ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر شەكىلى بولۇپ، ئۇ ئارۇز ۋەزىنىدىمۇ، بارماق ۋەزىنىدىمۇ يېزىلىدۇ. رۇبائىيدا شائىرنىڭ دۇنيا قاراشلىرى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتلىرى، ئېستىتىك تەسىراتلىرى، تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، ئەقىل جۇغلانمىلىرى، تۇرمۇشنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئىقتىدارلىرى، تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۈرلىرىنى قاناتلاندۇرۇش ماھارەتلىرى، ئىستىلىستىك ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئوبراز يارىتىش ھۈنەر-سەنئەتلىرى يوقۇرى دەرىجىدە نامايەن قىلىنىدۇ.كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ھېكمەتلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە چەكسىز بەدئىي زوق ئاتا قىلىدۇ.

  رۇبائىي-ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنتايىن ئىخچام، مېغىزلىق ۋە تەسىرلىك سۆزلەر ئارقىلىق تەسۋىرلەش، خىلمۇ-خىل يارىتىلغان بەدئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شېئىرىيەتنىڭ باشقا ژانىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئوبرازلىق، جانلىق بولۇشى ئەستە ساقلاشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا رۇبائىي ئوقۇيدىغانلار ۋە يادلايدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.

  يېقىندا دولان مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى، شائىر مۇھەممەت ئوسمان ئەمىرىنىڭ- «رۇبائىيات مەشائىل» ناملىق توپلىمى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ ئاپتۇرنىڭ «دولان-مەشرەپ مۇقاملىرى»(ئىلمىي ئەسەر)، «قانلىق ئېدىر»، (رومان) «سېھىرنىڭ سىرى» (رومان) قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان قىممەتلىك سوۋغا ھېسابلىنىدۇ

  «رۇبائىيات مەشائىل» ناملىق بۇ توپلامغا 80 ياشلىق بوۋاي شائىرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ تەسىراتلىرى، كىشىلەر ئارىسىدىكى چېگىش نازۇك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن شەكىللەنگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بەدئىي كارتىنىلىرى، تۈرلۈك مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدىن ھاسىل بولغان ئىبرەتلەك كەچۈرمىشلىرى، ئەجدادلىرىدىن كۈنسېرى ياتلىشىۋاتقان ئەۋلاتلارنىڭ تېڭىرقاشلىرى، نادانلىقى تۈپەيلىدىن ياشاشنىڭ يوللىرىنى بىلمەيۋاتقان ئادەملەرنىڭ گاڭگىراشلىرى، ھوقۇق پۇل سودىسىدىن پەيدا بولغان ئىجتىمائى بۇلغۇنۇشلارنىڭ يامان تەسىرلىرى، پۇل دۇنيا ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا دوستلۇقنىڭ خۇنۇك، چاكىنا كۆرۈنۈشلىرى، نومۇسسىزلارچە ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشلاردىن پەيدا بولغان ئورۇنسىز پاجىئەلەر، ۋاستە تاللىماي ئېرىشكەن ساختا ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ كەلتۈرگەن دەرد-ئەلەملىرى؛ ئەل-ۋەتەن ئىشقىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئىلىم رىيازەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ئىلىم تەلەپكارلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنۈش چەكسىز ھېسسىياتلىرى، ئاددىي كىشىلەرنىڭ راستچىل، سەمىمىي، كەمتەر، چىقىشقاق خاراكتېرلىرى، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مىننەتسىز ئۇلۇغ تۆھپىلىرى، ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، ئۆزگىرىشچان دەۋرنىڭ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان رەڭدار جۇلالىرى، كىشىلىك دۇنيانىڭ، كىشىلىك ھاياتلىقنىڭ بەرگەنلىرىگە ئېيتقان تەشەككۈرلىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەقەتلىرى، ساپاسىز بالىلارنىڭ سالغان كۈلپەتلىرى، مەغلۇبىيەتلىك ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يارامسىز بالىلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى، ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ھەققىدىكى مۇپەسسەل بايانلىرى، كەلگۈسى ئەۋلاتلاردىن كۈتىدىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىنسانىي غۇرۇرنى قەدىرلەش، ۋىجدانلىق بولۇش، چىن ئىنسانىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈش؛ روھى قۇللۇق، ۋىجدانسىزلىق، خۇشەمەتكۇيلۇق، سۇخەنچىلىك، چېقىمچىلىق، ئالدامچىلىق، كاززابلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، سەمىيەتسىزلىك...قاتارلىق ناچار ئىللەتلىرىدىن نېرى تۇرۇش ھەققىدىكى پايدىلىق نەسىھەتلىرى تۈرلۈك ئىستىلىستىك ۋاستىلەر، تۈرلۈك بايان ئامىللىرى، چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.

  «رۇبائىيات مەشائىل» ناملىق بۇ توپلامغا پىشقەدەم شائىرنىڭ 438 پارچە رۇبائىيلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن توپلامدا پەندى-نەسىھەت خاراكتېرىنى ئالغان تۆتلۈكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. ھەر بىر پارچە رۇبائىيدا بىر نەسىھەت، بىر ھېكمەت بار. بۇ توپلامدىكى بارلىق رۇبائىيلارنى ئوقۇپ چىققاندا 80 ياشلىق بىر دانىشمەن بوۋاينىڭ ھايات قىسمەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان كىشىلىك مۇساپىسىنى، ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى، رەڭگا-رەڭ ۋاقت قايناتمىسىدىن ھاسىل بولغان شىپالىق مەلھەملىرىنى، تەلقىنلىق قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى، پەلىسىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن قانۇنىيەتلىك قاراشلىرىنى كۆرۈپ چىقىشقا بولىدۇ.

  «رۇبائىيات مەشائىل» ناملىق بۇ توپلام:

  ئەمگەكتە بولىدۇ چۆللەرمۇ بوستان،

  بۇلبۇلغا ئاشقيان بولۇر گۈلقستان.

  ھۇرۇنغا بېرىلسە شاھانە ساراي،

  پات پۇرسەت ئىچىدە بولۇر گۆرىستان.

  ناملىق رۇبائىينى ئىلاۋە قىلىش بىلەن باشلىنىپ،

  ئېيتمىغىن سىرىڭنى سىرداش ئۆزگىدۇر،

  تۆكمىگىن مۇڭۇڭنى، مۇڭداش ئۆزگىدۇر.

  سەپەرداش بولمىغىن نائەھلى بىلەن،

  كۈتمىگىم دەيۈزنى، يولداش ئۆزگىدۇر.

  ناملىق رۇبائىي بىلەن ئاخىرلاشقان.

  كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، پەندى-نەسىھەت پۈتۈن توپلامنىڭ غول ئۇرۇتقۇسىنى تەشكىل قىلغان. دېداكتىك قاراشلار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ھايات ھېكمەتلىرى، گۈزەل ئەخلاق تەشەببۇسلىرى، رەڭگا-رەڭ تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەرەبلىرى، گۈزەللىك، ياخشىلىق، چىنلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىتىتېتك قاراشلىرى رۇشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

  مەلۇمكى، بىلىم كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى چۈشىنىش، تەبىئەتكە مەسلىشىش، تەبىئەتنى ئۆرنەك قىلىش ئەمىليىتى جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىشى ياكى تەجرىبىسىنىڭ مەھسۇلى ياكى مۇئەييەن ساھەگە چېتىشلىق مەلۇماتلارنىڭ يىغىندىسى. شائىرنىڭ بىلىمنىڭ رولى ۋە قىممىتى ھەققىدىكى بايانلىرى مۇنداق ئوتتۇرىغان قۇيۇلغان:

  قۇياشنىڭ نۇرىنى توسىمۇ تۇمان،

  يەنىلا يۇرۇتار جاھاننى ھامان.

  بىلىمدۇر گوياكى ئولتۇرماس قۇياش،

  گۈللىگەن ئۇنىڭسىز قايسى بىر زامان.

  بۇنداق رۇبائىيلار توپلامدا خىلى سالماقنى ئىگىللەيدىغان بولۇپ، شائىرنىڭ ئىلىم مەرىپەت ھەققىدىكى ئىلغار تەشەببۇسلىرى بىلەن يۇغۇلۇپ كەتكەن.

  ھوقۇقتۇر خىسلەتلىك گويا يادا تاش،

  قۇدرىتى زور بولغاچ ئەگدۇرىدۇ باش.

  ناۋادا يادا تاش بولسا ئىنەكتە،

  مۆڭدۈرۈپ قىلاتتى بۇقىغا ھاپاش.

  قاراڭ، بۇ رۇبائىيىدىكى پەلىسەپىۋى ھېكمەتكە! مانا بۇ پىشقەدەم شائىرنىڭ تۇرمۇشنى كۆزىتىشتىن چىقارغان ئىلمى يەكۈنى، ئىلمىي خۇلاسىسى. شائىردىكى بەدئىي بالاغەتنىڭ، پىكرى پاساھەتنىڭ يارقىن جۇلاسى.

  بالىنىڭ ئەسكىسىنى ساتقىلى بولماس،

  تاپاي دەپ ياخشىسىنى تاپقىلى بولماس،

  سۆزۈڭگە كىرمەستىن يۈزنى تۆكسىمۇ،

  قان يۇتماي نائىلاج، تانغىلى بولماس.

  رۇبائىيدا دېيىلىۋاتقان بالىنىڭ ئەسكىسى كىم؟ ھازىر نېمىشقا ئەسكى بالىلار كۆپ؟ ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىۋاتقان بالىلار نەدىن كەلدى؟ نېمىشقا ياخشى بالىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ؟ بالا تەربىيىسىگە ئېتىۋارسىز قاراش، بالىلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولماسلىق، بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىق، مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلارنى، بىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، «ئېشىنى ئىچىپ قازىنىنى چېقىش»، «گازىر ياغىچى بادىر بولمايدۇ، پۇقرا بالىسى كادىر بولمايدۇ» دەپ داۋراڭ سېلىش، تۈرلۈك روھى كىشەنلەر بىلەن ئۆزىنى چۈشەش ھازىرقى زاماندىكى بىر قىسىم نادان، ھاماقەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئەمەسمۇ؟ ئىنساننىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى نادانلىقتىن كېلىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئائىلە، تويلىشىش كىرزىسى دەل نادانلىقنىڭ ئىجتىمائىي مەنبەسى.

  ئەخمەقلەر ھاراقنى ئىچەر بەسلىشىپ،

  ئوخشايدۇ ساراڭغا خۇيى سەتلىشىپ.

  ئەسكىنىڭ خۇي-پەيلى گويا بىر ئېشەك،

  ھالۋىنى ياراتماس، سامان ئەسلىشىپ.

  مانا بۇ رۇبائىيدا،ھاراقكەشلەر تۇرمۇشىنى يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئاۋات-پۈتۈن مەمىلكەتكە داڭلىق مۇسەللەس يۇرتى، پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇنغا تۇنۇشلۇق بولغان ھاراقكەشلەر يۇرتى. ئاۋاتقا كەلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋاتتىكى ھاراق-مۇسەللەس ھەققىدىكى تەسىراتى ئۆزگىچە. ئاۋاتلىقلارنىڭ ھاراق ئىچكۈزۈش تېخنىكىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھاراقكەشلەرنى ماختاپ ئۇچۇرۇش، دەيدەيگە سېلىش، ھۇقۇققا قىزىقتۇرۇش، ھېسسىيات جەھەتتە ئالداش، قىز-چوكانلار بىلەن رومكا سۇقاشتۇرغۇزۇش ئارقىلىق «يىگىت» لىكىنى مەسخىرە قىلىش، تۇخۇم چېكىشتۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مات قىلىپ جايلاش- ئاۋاتتىكى ھاراقكەشلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇل. ئاۋاتتا ھاراقنىڭ كاساپىتى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ. شائىرنىڭ ھاراقنىڭ زىيانلىق تەرەبلىرى ھەققىدە يازغان رۇبائىيلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، كىشىلەرنى ھاراق، تاماكا ۋە زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

  كىشى مۇلايىم بولسا كەڭ قورساق،

  كۆڭلى ئازادە، تېنى بولۇر ساق.

  ئىچى تار، كۆرەلمەس بولسا ھەر كىشى،

  ئۆزىنى ئۆزى يەپ، كۈن كۆرمەس ئۇزاق.

  بۇ رۇبائىي كىلاسسىكلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى زامانىمىزغا بىۋاستە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، شائىرنىڭ پىشقەدەملىك سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ خىل رۇبائىيلار توپلامدا خىلى سالماقنى ئىگەلەيدىغان بولۇپ، كۈچلۈك ۋارسىچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

  بولمىغىن كۆيدۈم دەپ بالاڭغا مالاي،

  كۆيگەننى مەخپىي تۇت، ئاچمىغىن چىراي.

  ئەتىۋار چوڭ قىلساڭ ئۇ ھايۋان چىقۇر،

  نەسىھەت ئاڭلىماس قىلساڭ مىڭ تالاي.

  بۇ رۇبائىيدىكى پىكىر كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. پەرزەنت تەربىيىلەش جەھەتتىكى تەجرىبە-ساۋاق كىشىگە ئىلھام بەرسىمۇ، ئەمما، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. چۈنكى مېھرى مۇھەببەتتتىن ئايرىلغان تەلىم-تەربىيەنىڭ نېمە ئۈنۈمى بولسۇن دەيسىز؟!

  بۇزۇلسا تۈزۈلۈر ئەسكى زەيكەش يەر،

  ۋە لېكىن تۈزەلمەس تېگى پەسكەش ئەر.

  قىلسىمۇ ئۇنىڭغا تۈمەنمىڭ ئەجىر،

  سىڭمەستىن ھەممىسى بىكارغا كېتەر.

  شائىر بۇ رۇبائىيىسدا كىچىككىنە تۇرمۇش دېتالى ئارقىلىق ئىنسان تەبئىتىدىكى يامانلىقىنى زەيكەش يەر سېلىشتۇرمىسى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلەپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت، ئىنسانىيەت بىلەن جەمئىيەت، تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى گارمونىيىلىك باغلىنىشىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم دەرىجىدە بەدئىي زوق ئاتا قىلغان.

  دۇنياغا كەلمەستە تۈرلۈك خەت-يېزىق،

  بار ئىدى شېئىر-قوشاق، ھېكايىلەر جىق.

  ساۋاتسىزلاردىنمۇ نۇرغۇن ئالىم بار،

  ئېتىراپ قىلماسلىق ئېغىر نادانلىق.

  شائىر بۇ رۇبائىيىسىدا، ئۆزىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىسىغا خاس پەزىلىتىنى ئىشقا سېلىپ، يېزىق پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىلمىي قاراشلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئەلئىچى بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى، ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ يوقۇرىلىقىنى، ئۇنىڭغا سەل قاراشنىڭ ئېغىر نادانلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ھەتتا ئەلئىچى بىلىملىرىگە ماھىر كىشىلەرنى ساۋاتسىز بولسىمۇ ئالىملىق مۇقامىغا كۆتۈرۈپ مەدھىيىلىگەن. دېمىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئەلئىچى مەدەنىيىتىگە ناھايىتى باي مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلئىچى مەدەنىيىتىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى خىلمۇ-خىل مەزمۇنى رەڭدار ۋە چوڭقۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلئىچى مەدەنىيىتى ئېچىشنى، قېزىشنى، توپلاشنى، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى، پايدىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان بوش ساھە ھېسابلىنىدۇ.

  سەنئەتتە ئارتىسقا قۇيۇلغان تىلەك،

  ئەمەستى سەھنىدە تۇتۇش بەل-بىلەك.

  تۇرۇپلا ئەۋج ئالدى ھاياسىز قىلىق،

  كۆرگەندە غەزەپتىن سىرقىرار يۈرەك.

  شائىر بۇ رۇبائىيىسىدا، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان سەنئىتىمىزدىكى يادلىشىش ھادىسلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، بۇ ساھەدە كۈنسېرى يامراپ كېتىۋاتقان نۇمۇسسىزلىق، چاكىنىلىق، ھاياسىزلىق قىلمىشلىرىنى كېلىشتۈرۈپ قامچىلىغان. كۈنىمىزدە سەنئەت ۋە سەنئەتچى كۆپ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سەنئەتچى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى تولىمۇ ئاز.بۇ نوقتا پىشقەدەم شائىرنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالمىغان. سەنئەتچى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىگە بېغىشلانغان رۇبائىيلار بۇ توپلامدا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بەلگىلىك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

  دېمىگىن دېھقانى بىلىمسىز نادان،

  بىلگەچكە ئالىدۇ شور-قاقاستىن دان.

  ئولتۇرۇپ «ئاق ئۆيدە» يەر تېرىمىسا،

  نېمە يەپ ياشايدۇ، سەن بىزدەك تادان.

  مانا بۇ رۇبائىيىدا دېھقاننىڭ ئەجىر-مېھنىتى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە قوشقان خالىس تۆھپىسى، تەبئىەت قانۇنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا توپلىغان مول بىلىملىرى، يەرگە باغلىنىپ كەتكەن مۇقەددەس ئەقىدە-ئېتىقادىتىن شەكىللەنگەن ھايات تەجرىبىلىرى، «شور-قاقاس»نى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى قىزغىن مەدھىيەلەنگەن.

  قەلەمكەش خەلقنىڭ بەلگە-ئەلىمى،

  قالدۇرار نام-نىشان ئۇنىڭ قەلىمى.

  يازمىسا، بىلمىسە، مەۋجۇت ئاتالماس،

  بولسىمۇ تارىخى ئۇزاق، قەدىمىي.

  بۇ رۇبائىيدا شائىر، قەلەم ئەھلىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، تارىخ ئالدىدىكى جاۋابكارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىي مىراسلارنى يەتكۈرۈش جەريانىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولى، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى جەڭگىۋار روھى، زامانلارنى ئۇزۇقلۇق زەنجىرى بىلەن باغلاشتىكى بۈيۈك تۆھپىسى، مەنىۋى جەھەتتىكى يۈكسەك پەزىلىتى...قاتارلىقلارنى زور ئىپتىخار بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

  قەبرىگە قادالسىمۇ ھەتتا تۇغ-تاياق،

  تەدرىجىي ھېچ كىشى باسمايدۇ ئاياق.

  تىرىك ۋاقتىڭدا قالدۇرمىساڭ ئىز،

  ئەۋلىيا بولساڭمۇ قالماس نام-ئاتاق.

  ئىنساننىڭ ھەر بىر قىلغان ئىشى، باسقان ھەر بىر قەدىمى، تىنغان ھەر بىر تىنىقى مەلۇم بىر ئۇلۇغ ھىكمەت بىلەن تولغان. تەبىئەت دۇنياسىكى ھېچقانداق بىر شەيئى سەۋەبسىز، مەقسەتسىز ھەرىكەت قىلمايدۇ. ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش، مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش، ئۆزىدىكى ئۇلۇغ سىر ھىكمەتنى نامايەن قىلىش، روھىدىكى يۇشۇرۇن جۇلانى نامايىش قىلىش يۈزىسىدىن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىنسان ئالەمنىڭ جەۋھىرى، ئەقىلنىڭ جۇغلانمىسى، پەزىلەتنىڭ بۇلىقى، ئىجادىيەتنىڭ ھەقداسى، ئۇنىڭدا ئاجايىپ خىسلەت بار. شۇڭا، ئۇ نام-ئاتاق قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى «ئاتالمىغان ئەردىن، ئاتالغان دۆڭ ياخشى» دېگەندەك شائىرنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

  سۆز دېگەن ئوخشايدۇ تۆگە بۇرنىغا،

  يېتلىسە ئاپىرار دېگەن ئورنىغا.

  ئورۇنسىز سۆز سۆزلەش كەلتۈرەر زىيان،

  سۆزلەشنى بىلگەندە ماڭار پايدىغا.

  شائىر بۇ رۇبائىيىسىدا كلاسىكلاردىن قالغان پەندى-نەسىھەتلەرنى يەنىمۇ كونكېرتلاشتۈرۈپ، «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە.» دېگەن ھايات ھەقىقىتىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ بەرگەن. ئويلىنىپ قىلىنغان سۆزنىڭ ئىنسانغا يەتكۈزىدىغان پايدىسى بىلەن، ئويلانماي قىلىنغان سۆزنىڭ كىشىگە كەلتۈرىدىغان كۈلپەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن.

  قانۇندۇر مۇقەددەس، ئۇنى ئۇلۇغ بىل،

  توسقاننى قىلمىغىن، قىل دېگەننى قىل.

  خاتانى چوڭ-كىچىك دېگىلى بولماس،

  گاھىدا چۈمۈلە ئۆلتۈرىدۇ پىل.

  شائىر بۇ رۇبائىيىسىدا، قانۇننىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغان ياكى ئېتراپ قىلىنىدىغان ھەم دۆلەتنىڭ مەجبۇرىلاش خاراكتېرى بىلەن يولغا قۇيۇلىدىغان ھەرىكەت قائىدىسى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنغا جەزمەن رېئايە قىلىشنىڭ زۈرۈرلۈكىنى، قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئادەمنى يامان يولغا باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  قىسقىسى، «رۇبائىيات مەشائىل» پەندى-نەسىھەتلىرىدىن تەركىب تاپقان رۇبائىيلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 80 ياشلىق بوۋاي شائىرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ، مۇرەككەپ سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ، توپلىغان قىممەتلىك بىلىم جۇغلانمىلىرىنىڭ، شائىرانە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ، ۋەتەنگە، خەلققە، مىللەتكە، ئانا يۇرتقا بولغان قايناق سۆيگۈ ھېسسىياتلىرىنىڭ، ئەقىللىك ئەجدادلىرىدىن سۆيۈنۈش، تەلەيلىك ئەۋلاتلىرىغا كۆيۈنۈشتىن ھاسىل بولغان پەخرلىك تۇيغۇلىرى؛ ئىلىم-مەرىپەتنىڭ جەمئىيەتنى ئالغا باشلايدىغان، ئىجتىمائى قالاقلىقتىن ئۈنۈملۈك ساقلايدىغان، روھىيەتنى پاكلايدىغان مەنىۋى پەزلەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىش، سەنئەتنى قىزغىن سۆيۈش، سەنئەتكارلارنى قەدىرلەش، راستچىل، سەمىمىي بولۇش، مەنىلىك ياشاش، ۋاقىتنى، ھاياتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق، ئۆگىنىشگە ئەھمىيەت بىرىش، يوقسۇزلارغا، يىتملەرگە، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق، سېخىيلىق قىلىش، سىر ساقلاشقا ماھىر، مەردۇ-مەردانە بولۇش، دۈشمەندىن ھۇشيار تۇرۇش، ھەر ئىشنى قىلىشتا كۆپ ئېھتىيات قىلىش؛ پارىخورلۇق، خۇشەمەتچىلىك، مەنمەنلىك، نادانلىق، بىخۇتلۇق، ھەشەمەتچىلىك، ھاكاۋۋۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، ھاراقكەشلىك، قىمارۋازلىق، زىناخورلۇق، چېقىمچىلىق، يالغانچىلىق، ساختىپەرلىك، بېخىللىق، ھەسەتخورلۇق، پۇلپەرەسلىك، يۈزسىزلىك،..قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرگە بولغان نەزەپ-نەپرىتى ئىپادىلەنگەن.

  بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى، «نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق» ئەمەسمۇ؟!

  ئاپتۇر:ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر