باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«گۈزەل ھايات»ناملىق ھېكايە تۇغرىسىدا ھېكايسى

2015.08.04 09:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھەررىر ئىلاۋىسى: قىزغىن مۇھەببەت بىلەن سۇغۇرۇلغان، لىرىك ۋەقەلىكلەر بىلەن تولغان ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياش قىز - ئاياللارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئوقۇرمەنلەر، تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا زور قىزغىنلىق قوزغىغان، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئاياللار ئەدەبىياتىدا چولپان يۇلتۇزدەك ئۆزگىچە چاقناپ تۇرىدىغان ياش يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپ 1970-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئارال يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇ 2008-يىلى 3-ئايدىن 7- ئايغىچە لۇشۇن تەتقىقات ئىنىستىتودا بىلىم ئاشۇرغان. جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

  ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھازىرغىچە «قىزارغان سەھرا» «يېشىل ئارمان» (ھېكايىلار توپلىمى)، «سەرۋىخان» (پوۋېستلار توپلىمى)، «سۆيگۈ مەنزىلى» (رومان) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى.

  ئۇنىڭ «شەبنەم» ناملىق ھىكايىسى 7- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئاق كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى 9-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدىبىيات مۇكاپاتى»غا، «سىرلىق ئالما» ھېكايىسى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «قىزارغان سەھرا» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى مەملىكەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، ئۆزى 2004-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن «تۆھپىكار ئەدىب» مۇكاپاتىغا، 2007-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ياش يازغۇچىلار «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى»غا، 2009-يىلى «غەربى دىيار يازغۇچىلىرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولدى. «جىگدە چېچىكى»، «شەبنەم» قاتارلىق ھېكايىلىرى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلدى.رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ھەم يېيىلىشچان مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە مۇزىكىدەك يەڭگىل ھەم سۈزۈك، شېئىردەك گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ... ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىدىكى پەلسەپە رېئاللىقتىكى فورمىغا ئايلىنىپ قېلىپلىشىپ قالغان ئىدىيەلەرنىڭ قارشىسىدىكى كەڭلىكتە ئوقۇرمەنلەرگە ئويلىمىغان نۇقتىدىن جاۋاب تېپىپ بېرىدۇ.

  تىل- ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يازغۇچىنى خاسلىقىغا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى.يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچە تىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق پروزا بىلەن پوئىزىيەنى ئۇستىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئىنچىكە پىسخىك تەسۋىرلەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئەسەرلىرىدىكى پىرسۇناژلارنى ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ھەم ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇرمەننى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەسەر مەركىزىي ئىدىيىسىنى تۇيۇشتىن ئىبارەت قوش لېنىيەگە ئىلىپ كىرىپ ئوزگىچە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان مۇنەۋۋەر يازغۇچىدۇر.

  بىز يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ «گۈزەل ھايات» ناملىق بۇ ئېسىل ھېكايىسىنىڭ يېزىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان ھامانلا، ئۇنىڭ «ھېكايەمنىڭ ئازراق چالىسى بار ئىدى» دېگەن يېقىملىق باھانىلىرىنىمۇ چىرايلىق رەت قىلىپ، ھېكايىنىڭ تۇنجى ئارگىنالىنى ئىشخانىسىدىنلا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئىدۇق. دېمەكچىمەنكى، پەرىزىمىز قىلچىلىك خاتا ئەمەس، بىز ئۇنىڭ گۈزەل بىر ھېكايىسىنى تۇنجى بولۇپ قولغا چۈشۈرگەن ۋە شۇ ھامانلا ژۇرنىلىمىزنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلغان ئىدۇق.ئەلۋەتتە، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، بىزنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىققاندەك بولدى.

  ئاپتور بۇ ھېكايىسىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر قانچە تۇرمۇش دېتالى ئاساسىدا بىر قانچە پىرسۇناژنىڭ ئوز خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان پورتېرىتىنى ماھىرلىق بىلەن يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ۋاپادارلىققا تويۇنغان گۈزەل بىر مۇھەببەت ھېكايىسىنى مۇزىكىلىق ھەم پەلسەپىۋىي تىل بىلەن ئېيتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ بولغان ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮىنى چىنلىقنىڭ سىرتىدىكى فورمىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئىچكى ﭘﻮﺳﺘﻠﯩﺮىغا يوشۇرۇنغان جەۋھەرلەرنى ماھىرلىق بىلەن بايقاپ، ئۇستىلىق بىلەن بەدئىي يۇسۇندا سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ھېكايىدىكى ئۆزگىچە بايان قىلىش ئۇسۇلى، قىسقا - قىسقا دىيالوگ، يەڭگىل ئىپادىلەنگەن تۇرمۇش، قويۇق ھېسسىيات كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.

  «يەكەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن:

  ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر