باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

رىشتىنىڭ چىڭ لەۋزى بار

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.10 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئەي سەنەم، گۈل ئىچرە تۇرساڭ مىڭ چىمەننىڭ تەرزى بار،
لالىلەر رەشكى شامالدا، ھىدسىراپ ھال – ئەرزى بار.
تاڭ يېيىپ ئۆتكەن گۈلىستان ھىد ئارا جىلۋە ياسار،
جىلۋىنىڭ تاپقان كامالەت سەن ئۈچۈن ھىد قەرزى بار.
لال قىلىپ كەلدى ئۇزۇندىن قامىتىڭ سىزغان سۈرەت،
قايسى گۈليۈزنىڭ سېنىڭدەك پەزلى يالقۇن پەيزى بار؟
بۇرجىنى تاپتىم جۇنۇنلۇق نۇقتىسىز ھىجران ئارا،
چوغلىنىپ تۇرغان يۈرەكنىڭ مىڭ پىداغا پەرزى بار.
تىغ بولۇپ پاتتى تېنىمگە شام – سەھەر پەيتىدە غەم،
ۋەسلى دەم خۇرشىدنى سۆيسە ئەكسى شەلپەر مەڭزى بار.
كەلگىنە، چاقماقلىرىڭدا سۆيگۈدىن گۈلخان قۇچۇپ،
شەرمىسار بولغان ئوشاقنىڭ دەرد يۇغۇرغان ۋەزى بار.
بىماجال كۈتتۈم دىلىمدا، ئوت قويۇن ئاچقىن قېنى،
سۈبھىسى تۇيغۇن ئۈپۈكنىڭ، رىشتىنىڭ چىڭ لەۋزى بار...
2011 – يىلى 19 - ، 30 – نويابىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر