باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ چىرىكلىك چەمبىرىكىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

2015.04.10 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساپ سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاش ئۈچۈن، كادىرلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى تازىلاپ، «مۇنبەت تۇپراق» يېتىشتۈرۈپ، «سۇلۇقلىرى»نى ساپلاشتۇرۇپ، روھىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، زۇنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لياۋ شاۋخۇا پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، 9-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. لياۋ شاۋخۇا قاتارلىق يېقىندا قولغا چۈشكەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك دېلوسىدىن بىرنىڭ كۆپكە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدەك ئەھۋالنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قىسمەن كادىرلار بىلەن كارخانىچىلار بىر ئارغامچىغا باغلانغان، بىر خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ ئارقىسىغا ھەتتا بىر قانچە سودىگەرلەر يوشۇرۇنغان. بۇنداق غەلىتە «ئەمەلدار-سودىگەر دوستلار چەمبىرىكى» نىڭ ئارقىسىدا پۇل ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتى بار. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014-يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش-تۈزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، «ئەمەلدار بىلەن سودىگەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى» جايلار، تارماقلارنىڭ تۈزەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلانغان.

  نۇرغۇن چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ ئارقىسىدا دائىم بىر ياكى بىر توپ پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە ئوخشاش سودىگەرلەر ياكى ئۇلارغا ئىنتايىن يېقىن «دوستلار چەمبىرىكى» بار. ليۇ تيېنەننىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ بەش سودىگەرگە چېتىلغانلىقى؛ جى جيەنيې دېلوسىنىڭ ئەيىبنامىسىدىكى يەتتە تۈرلۈك پاكىتنىڭ يەتتە پارا بەرگۈچىگە چېتىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشىنىڭ جى جيەنيې بىلەن 20 يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى؛ ۋەن چىڭلياڭنىڭ يەر مۈلۈك سودىگەر دوستلىرى كۆپ دېگەن نامى بارلىقى؛ چىن يۈخەينىڭ سۈرەتكە تارتىشى ئۈچۈن كەتكەن نەچچە ئون مىليون يۈەننى سودىگەرلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى بۇنىڭ دەلىلى. «دوستلار چەمبىرىكى» نېمىشقا قىلتاققا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇنىڭ ئىچىدىكى ساۋاقنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر