باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ساقىيا مېھرىڭ ئەزىز

تۇرغۇن جالالىددىن

2015.04.10 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۇنغىنا ئوت جامنى لىقلاپ، ساقىيا، پەنجەڭ ئەزىز،
بەھوزۇر دەرد تامشىماققا چاچرىغان تامچەڭ ئەزىز.
ئوت قالاپ كۆكرەككە بۇ دەم ئىزدىدىم ئۈلپەتكە ھەم،
سەنمۇ چىققىن سوغ سۈكۈتتىن دىل ئارا خەندەڭ ئەزىز.
دىلبىرىم باشلاپ ھىجىرنى شەرمىسار ئەتتى داۋام،
ئىشق ئارا دەردمەن كۈيىگە سەنمۇ جور، پەدەڭ ئەزىز.
كەلمىگەن كىم تۈنلىرىگە يار ئۈچۈن گۈلخان يېقىپ؟
مىڭ ئوشاقنىڭ ئاھى سەپراس سۈپسۈزۈك ئۈنچەڭ ئەزىز...
لەيلىدىن كۈتكەن جەزىبە جام ئارا قىممەت چاچار،
شۇ سەۋەب كۆيگەن لېۋىمگە تۇغ كەيىپ لەرزەڭ ئەزىز.
يار ئازابى بۇندا پىنھان، زاھىرى يۈكسەك قەلب،
خوپ ئەمەس كۆزدىن تۆكۈلمەك، مەيلى دىل شېشەڭ ئەزىز.
سۆيگۈ دەپ چىقتىم ئۆزۈمدىن، دەردلىرىڭ ھەمدەم ماڭا،
سۆيگۈگە پەرۋىش ئۇزاتقان ھەمنەپەس زەردەڭ ئەزىز.
ئالدىراپ بولماس سەھەرگە يۇپيۇرۇق كۈلبەڭ ھامان،
تاغ چىدام سەپلەر يۈرەككە دىل تېڭى – ۋەدەڭ ئەزىز.
ساقىيا، تۇتقىن قەدەھنى، ئوت ئارا مەلھەم ئۇزات،
ئەتىگە يەتكەن ئارادا ئۇشبۇ تۈن بەزمەڭ ئەزىز.
مەنمۇ ھەم تۇتتۇم يۈرەكنى تاۋلىغان رىغبەت بىلەن،
تاڭنىدا تۇيغۇن شەپەق بار، بىغۇبار پەللەڭ ئەزىز...
2011 – يىلى 31 – ئۆكتەبىر، تۇرپان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر