باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تاڭ تامان باقتىڭمۇ يار

تۇرغۇن جالالىدىن

2015.04.10 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئەسلىرىم كۆيدى لاۋۇلداپ تۈن دېغى رۇخسار ئارا،
دەملىرىم تۇتقۇن ئازاپقا قەست تىغى ـ ئىنكار ئارا.
پەيت ساناپ چۆككەن سۈكۈتتە يانمىدى چاقماق خىيال،
پۈتمىگەن ھىجران پايانى كۆكلىدى دىشۋار ئارا.
شام – سەھەر شەلپەر بېتىدە يانغىنى ئەھدىم ئىدى،
كەلدىغۇ تاپماي پىسەنتنى ئىستىكىم ئىزھار ئارا.
يۈكسىلەر تەكرار ئەسەبتە جۈرئىتىم ئويغاق ھامان،
كەل چىقىپ پىنھان سىرىڭدىن زەپ يورۇق رەپتار ئارا.
دىلرەبا، ھۆسنۈڭ گۈلىگە قونغىنى پەزلىڭ ھىدى،
شۇ سەۋەب سەن باش كۆرەككە جايى دىل-گۈلزار ئارا.
جۆر بولۇپ تۇرسا خىيالىڭ جىلۋىگەر نازىڭ بىلەن،
مەن يىراق تەركى كۆيۈكتىن سەن كەبى گۈليار ئارا.
جان بولۇپ تۇرسۇن نازاكەت خۇش چىراي ئاچقان دېمىڭ،
تەزكىرەم تاپسۇن پۈتۈنلۈك رەشكىي دىل – ئەغيار ئارا.
لەۋ ئىزى لەۋلەرگە شۆھرەت ۋەسلى پەيت ئاچسا رۇجەك،
ھىجرى ھال پۈتكەن جۇنۇنلۇق ئۆچكۈسى ھەمكار ئارا.
ئەسلىرىم كۆيسە لاۋۇلداپ، تاڭ تامان باقتىڭمۇ، يار؟
قۇچقۇسى تۇيغۇن دىلىڭنى زەر ئۈمىد-ئەشئار ئارا.
2011 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر، تۇرپان.
تۇرغۇن جالالىددىن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر