باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

كۈنجۈتلۈك قوي گۆش قاتۇرمىسى

2015.02.27 13:12         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىياللىرى: قوينىڭ مايسىز لوق گۆشىدىن 500 گىرام، ئاق كۈنجۈت 30 گىرام، سۇ ماي 2كىلوگىرام، تۇخۇم ئىككى دانە، بىر باش پىياز، تۇز، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە 20 گىرام، كىراخمال 20 گىرام ، خام سەي كۆكى، بېزەك كۆكى مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق چاناپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم ئېقى، ئازراق تۇز، سوققان زىر، ئاقمۇچ، قارىمۇچلارنى مۇۋاپىق سېلىپ، تەمىنى تېتىپ قىيما تەييارلايمىز، تۇخۇمغا ھۆل كىراخمال، تۇز قېتىپ ئارىلاشتۇرۇپ پوشكال چىقىرىپ، پوشكالنىڭ ئوڭ يۈزىگە ھۆل كىراخمال سۈرۈپ، قىيمىنى ئېلىپ چۆرىسىنى تۈگىمىز. ئۈستىگە ھۆل كىراخمال سۈرۈپ، ئاق كۈنجۈتنى يېپىشتۇرۇپ، قازانغا ماي ئېسىپ، نورمال قىزىغاندا سېلىپ بوش ئوتتا سارغايتىپ پىشۇرۇپ، بېزەلگەن تەخسىگە كېسىپ ئېلىپ ئۈستىگە دەرمەك چاچسىڭىز تەييار بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر