- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شامىل شاكىر يازغان يېڭى ناخشا
2013.05.23 14:32 مەنبە: خەلق تورى
شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك مۈلكى ۋەزىپىدىكى دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ناخشىچىسى شامىل شاكىر ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەڭ يېڭى ناخشىسى «جۇڭگو ئارزۇسى نۇر چاچقان شىنجاڭ» نى 23 – ماي ئاممىغا سۇندى. شامىل شاكىر بۇ ناخشىنى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغىنىنىڭ 3 يىللىقىغا سوۋغا قىلىپ ئىجاد قىلغان.
شامىل شاكىر بۇ ناخشىنىڭ مەيدانغا كېلىش ھەققىدە مۇنداق دېدى:
ــ 3 يىلدىن بۇيانقى دىيارىمىز شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەن ھەرمىللەت خەلقى، كۈندىن كۈنگە گۈللەۋاتقان ئىناق شىنجاڭ مېنىڭ بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى، ئۆزۈمنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان ھېسسىياتىمنى بۇ ناخشامغا مۇجەسسىەملىدىم.
ئىگىلىشىمچە، شامىل شاكىر بۇ يىل سىنتەبىرنىڭ ئاخىرى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈدىكەن. «جۇڭگو ئارزۇسى نۇر چاچقان شىنجاڭ» ئاساسىي تېمىدىكى CD پىلاستىنكىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلىدىكەن.
سۈرەتتە: شامىل شاكىر ئۆزى ئىجاد قىلغان «جۇڭگو ئارزۇسى نۇر چاچقان شىنجاڭ» ناملىق ناخشىنى ئوقۇماقتا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە