باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھىندىستانغا بېرىپ ئېغىر قوراللار جەھەتتە ياردەم سورىدى(1)

2013.05.22 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزاي 21-ماي يېڭى دېھلىدە ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىنگى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستان دائرىلىرىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئافغانىستان پاكىستان چېگرا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ھەمدە 2014-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە ھەربىي ياردەم بېرىشىنى سورىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: كارزاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستانغا بولغان تەسىر كۈچى ھەققىدىكى تالاش تارتىىشىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

  ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزاي 20-ماي ھىندىستاندا ئۈچ كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ باياناتچىسى فائىز 18-ماي كابۇلدا مۇنداق دېدى: كارزاي ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ھىندىستاندىن ئافغانىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنداقلا ھىندىستان بىلەن ئافغانسىتان ۋە پاكىستاننىڭ دۇلەن لىنيەسىدىكى جىددىي ۋەزىيىتى شۇنداقلا قانداق قىلىپ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ.

  فائىز مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ھىندىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالاشقا قوشۇلدى، بۇ كېلىشمگە ئاساسەن ھىندىستان ئافغانىستانغا كۆپ تەرەپتىن ياردەم بېرىدۇ جۈملىدىن ھەربىي جەھەتتە ئافغانىستاننىڭ قوراللىق قىسىمى ۋە بىخەتەرلىك كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، بىز ھىندىستاندىن ئافغانىستاننىڭ ھەربىي تەلىپى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىدە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.

  ئافغانىستانلىق تەھلىلچى فالۇج مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان ئافغانىستانغا قورال جەھەتتە ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولىدۇ، ھىندىستان ئافغانىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلدە ياسالغان كونىراپ كەتكەن قورال جابدۇقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە قوشۇلۇشى مۇمكىن.

  كارزاينىڭ بۇ قېتىم ھىندىستاندىن ھەربىي ياردەم سورىشى يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان پاكىستان چېگرىسى دۇلەن لىنيەسى ئەتراپىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە