باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەشىر ئاساد: ھەرگىز تەختتىن چۈشمەيمەن

2013.05.22 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ماي خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە پىرېزىدېنتى بەشىر ئاساد مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەختتىن چۈشۈش چۈشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەرگىز ئويلاشمايدىغانلىقىنى، تەختتىن چۈشۈرۈش سادالىرىغا ھەرگىز قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاساد زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بەزى كىشىلەر مېنىڭ تەختتىن چۈشۈشىمنى ئۈمىد قىلىدىكەن، چۈنكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە تېررورچىلار مېنىڭ تەختتىن چۈشۈشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە مەن بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمەن. مېنى خەلق سايلىغان، شۇڭا تەختتىن چۈشۈش چۈشمەسلىكىمنىمۇ خەلق بەلگىلىشى كېرەك، 2014-يىلىدىكى چوڭ سايلام بۇنى بەلگىلەيدۇ .»

  ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «سۇرىيە ھازىر كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كېمە بوران-چاپقۇنغا يولۇقۇپ تەۋرىنىپ قالغاندا كاپىتان ھەرگىزمۇ كېمىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك. تەختتىن چۈشۈش قورقۇپ قېچىشتىن دېرەك بېرىدۇ.»

  سۈرىيىدە 2011-يىلى 3-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئەكسىيەتچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش باشلانغان بولۇپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ مەزگىلدە سۇرىيەدە ئاز دېگەندە 80 مىڭ ئادەم توقۇنۇش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە